مەنبە: ئانادولو خەۋەر ئاگېنتلىقى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022- يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى
ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، روسىيەنىڭ خىتايدىن ھەربىي تەمىنات تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
ئۆزىنىڭ ئاخباراتنىڭ تەپسىلاتلىرى ۋە بۇ مەسىلىدە تاشلىنىدىغان قەدەم-باسقۇچلارغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان پساكى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋان ۋە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ياڭنىڭ ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدىكى ئۇچرىشىشىنى ئىشارەت قىلدى.
پساكى مۇنداق دېدى: « ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋان خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارە ئاگاھلاندۇرۇپ ، روسىيەگە ھەربىي ۋە باشقا ياردەم بېرىشنىڭ جازانى بۇزۇش ۋە ئۇرۇشنى قوللاش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، مەن بۇ نەتىجىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيمەن. بىز ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز. »دېدى.
- دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىمۇ «نەتىجە» دىن ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايسمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەيىبلەشلەرنى تىلغا ئالدى.
سۇللىۋاننىڭ رىمدا ياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتلىرىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پرايس ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي روسىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ياكى جازانى بۇزۇپ تاشلايدىغان شەكىلدە ياردەم قىلسا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ».
پرايس خىتاي روسىيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا كىرمەيمەن، ئەلۋەتتە بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا بولغان ئەندىشىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.
- بەشبۇرجەكلىك بىنا: بىز بۇ مەسىلىنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇكرائىنا-روسىيە ئۇرۇشىغا بەرگەن باھاسىنى بىر گۇرۇپپا ژۇرنالىستلارغا ئاڭلاتقان بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاستىلىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئەمەلدار روسىيەنىڭ خىتايدىن ھەربىي تەمىنات تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تېمىدا خەۋەرلەرنى كۆردۇق، مەن سىزگە پەقەت بۇ مەسىلىنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتالايمەن. مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى ئېيتقاندەك، ئەگەر خىتاي بۇ ئۇرۇشتا روسىيەنى ماددى جەھەتتىن قوللىغان تەغدىردە، خىتاي ئېغىر ئاقىۋەت دۇچ كېلىدۇ ».
خىتاينىڭ ئىلگىرى غەربنى ئەيىبلەش ئارقىلىق روسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ ئەمەلدار، ئۆزىنىڭ ھەربىي جەھتتىن قوللاش ھەققىدىكى ئاخباراتقا كىرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇرۇشتىكى مەيدانىنى، جۈملىدىن بۇ ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
روسىيەنىڭ خىتايدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كېرمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ باياناتىدا مۇنداق دېدى: روسىيە خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ، ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى تولۇق كونترول قىلالايدۇ.
- ياۋورىۋ بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش
روسىيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى ياۋورىۋ ھەربىي مەشىق مەركىزىنى نىشانلىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ ئەمەلدار، روس تەرەپتىن تەخمىنەن 24 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلىپ، كەم دېگەندە 7 بىناغا تەككەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەمەلدار مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى روسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: « بۇ ھۇجۇم ئۇكرائىنادا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايوننى ئېلان قىلىشنى قوللايدىغانلار ئۈچۈن بىر ياخشى مىسال».
ياۋورىۋ ھەربىي مەشىق مەركىزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگىنى بىلەن باغلىق ھېچقانداق كىشىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ ئەمەلدار، بازىدا ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ بازىنىڭ غەربتىن كەلگەن ھەربىي ياردەمنىڭ بارىدىغان جايى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
- خىتاي ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچېن روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتايدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.
ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان دوكلاتىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، ساۋ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە خىتاينى نىشان قىلغان يامان غەرەزلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. »
ئۇ ئۇكرائىنا كرىزىسىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، جىددىيلىكنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرنىڭ ئورنىغا دىپلوماتىك ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك».
- ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى رىمدا «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى» نى مۇزاكىرە قىلدى
يەنە بىر تەرەپتىن ، ئاقساراينىڭ يازما باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋان ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (CCP) مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ چىچىنىڭ رىمدا يىغىن ئاچقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سۇللىۋان بىلەن ياڭ شۇ يەر ۋاقتى 10:30 دا رىمدىكى ۋالدورف ئاستورىيە مېھمانخانىسىدا ئۇچراشقان ، يىغىن تەخمىنەن 8 سائەت داۋاملاشقان.
گەرچە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، سۆھبەت چۈشتىن كېيىنمۇ داۋاملاشتى. سۇللىۋان بىلەن ياڭنىڭ ئۇچرىشىشى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقالدى. ئەمما يىغىندىن كېيىن ، تەرەپلەر ئاخبارات ئېلان قىلماستىن مېھمانخانىدىن ئايرىلدى.
بۇ يىغىننىڭ 2021-يىلى 15-نويابىردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىننىڭ داۋامى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئىگىلىنىشچە ، سۇللىۋان بىلەن ياڭ ئۇكرائىنا-روسىيە ئۇرۇشىنى ، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىن جەريانىدا، ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشقا قوشۇلغانلىقى بايان قىلىندى.
سۇللىۋان بىلەن ياڭ 2021-يىلى 10-مارت ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شىتاتىنىڭ ئانكوروجدا ۋە 2021-يىلى 6-ئۆكتەبىر شىۋىتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدە ئۇچراشقان.
يىغىندىن ئىلگىرى، خىتاي «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتايدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئامېرىكىنى «يامان غەرەزلىك» بىلەن ئەيىبلىدى.