تەتقىقاتچى: Aaron Y. Zelin
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان
2022- يىل -3- ئاينىڭ 19- كۈنى… شەنبە
گەرچە ئەنقەرە تالىباننىڭ ئوبرازىنى يېڭىلاشتىكى باش رولچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ ، تۈركىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشەببۇسى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ھازىر مۇقەررەر بولۇپ قالدى.
تالىبان ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا كابۇلنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. 1996-يىلدىن 2001-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تالىبان دۆلەتنى كونترول قىلغاندا بولسا، بۇ ھاكىمىيەت پەقەت پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر دۆلەت تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 13-مارت ئانتاليا دىپلوماتىيىسى مۇنبىرى دائىرىسىدە قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئەمىرلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ قەدەمنى ئوتتۇرغا قۇيغان تۇنجى چەتئەل سىياسىي رەھبىرى ھېساپلىنىدۇ.
چاۋۇشوغلۇنىڭ باياناتىنى تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ، تالىبانلار بىلەن كابۇل ۋە باشقا شەھەرلەردىكى خەلقئارا ئايرودروملارنى ئورتاق باشقۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
ئانتاليادىكى مۇنبەردە ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى بىر پائالىيەتتە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىش ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ نويابىردا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم دۆلەت رەھبىتى بىلەن كۆرۈشۈشى ئىدى.
ئۇندىن باشقا، تالىبان ۋەكىللىرى بەھرەيىن، فىنلاندىيە، قىرغىزىستان، لىۋان، قاتار، سومالى، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى توماس بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ئانتاليادىكى ئۆزگىرىشلەر تالىبان دىپلوماتىيىسىنىڭ نەچچە ئاي بۇيانقى تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى ئىدى. تالىبانلارنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ گۇرۇپپا دۆلەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، كۆپپىنچىسى باشلىقلار يىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 135 رەسمىي دىپلوماتىك يىغىنغا قاتناشقان، بۇ يىغىلارنىڭ ئىچىدىكى 22 قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىشىدا تۈركىيە ئەڭ ئاكتىپ رول ئوينىغان دۆلەت سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈندى.
- ئەنقەرەنىڭ ئىسلام ئەمىرلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە قوشۇلغان كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش جەريانىدا تالىبانلار بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان قاتارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيە تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىشىشتا ئالدىنقى دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ مۇناسىۋەت ئۆكتەبىردە چاۋۇشوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە كەلگەن ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، سودا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، مۇساپىرلار ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى بىلەن باشلانغان. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرى، تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۆلىمالاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى، تۈركىيە قىزىل ھىلال ئاي، ئاپەت ۋە جىددى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.
1-ئايدىكى باياناتىدا: «ھەممە ئافغانىستاندىن ئايرىلىپ دىپلوماتىك ئورگانلىرىنى تاقىغاندا بىز ئافغانىستاندا تۇرۇپ، بۇ دۆلەتكە ياردەم بەردۇق» دىگەن تۈركىيە باش ئەلچىسى جىھاد ئېرگىناي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئالدى. باش ئەلچى بۇ باياناتنى ئېلان قىلىنغاندىن تەخمىنەن ئىككى ئاي كېيىن، تۈركىيە مازار شەرىف شەھىرىدە كونسۇلخانا ئېچىپ ئافغانىستاندىكى دىپلوماتىك ساھەسىنى كېڭەيتتى.
ئافغانىستاندىكى 34 ۋىلايەتنىڭ كەم دېگەندە 13 گە يېتىپ بارغان تۈركىيە، بۇ دۆلەتكە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى. بۇ ياردەملەرنى دۆلەتتىن سىرىت، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن قىزىل ئاي، ئى خاخا، بارىش جەمئىيىتى، ھەيدەر، ھەيرات ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيىتى، خەلقئارا كۆك ھىلال ئاي ۋە تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئورگانلار يەتكۈزدى. IHH بىرىنچى باسقۇچتا ئەۋەتىلگەن ياردەمدىن باشقا، تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە غەزنى ۋىلايىتىدە يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئوخشاشلا، مائارىپ فوندى جەمئىيىتى بىر قانچە «ئافغانىستان-تۈركىيە» مەكتىپىنى ئاچتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە بۇ مەكتەپلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى يەنە بىر مەقسىتى مائارىپ ساھەسىنى كۈچەيتىش. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئېرگىناي تالىباننىڭ ئالىي مائارىپ مىنىستىرى ئابدۇلباقى ھەققانى بىلەن كۆرۈشتى، باش ئەلچىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ۋە تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىمۇ يىغىنغا قاتناشتى. بۇ يىغىندىن كېيىن، فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتناشقان ئۇچرىشىشلىرىدا، ھەققانى تۈركىيەنى دىنىي ۋە زامانىۋى ئىلىم-پەن دەرسلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
ئەنقەرە يەنە ئەلىئاباد ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مەركىزى قۇرۇپ، ئافغانىستان خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىك ئۇقۇتۇش پروگراممىسىنى تەييارلاشقا ۋەدە بەردى.
سودا ساھەسىدە MUSIAD ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئافغانىستان-تۈركىيە سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ۋە تالىبان ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ھەر ئىككى ئورگان ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- تالىباننى ئېتىراپ قىلىش مۇقەررەر
بۇ باسقۇچلار ۋە باشقا تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى قانۇنلۇق ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي قەدەم بېسىشى ۋە ئاز دېگەندە بىر قانچە دۆلەتنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يۆنىلىشتە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تالىباننىڭ تۇنجى قېتىملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم ئۇلار خەلقئارا تۈزۈم بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئورۇندا تۇرماقتا.
34 دۆلەت تالىبان ئەمەلدارلىرى بىلەن ئوخشىمىغان قاتلامدا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، گەرچە تالىبانلارغا ب د ت دا تېخى ئورۇن تەقسىملەنمىگەن بولسىمۇ، ئافغانىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىنغان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئىسلام ئەمىرلىكى دەسلەپكى مەزگىلدە بازا تەشكىلاتى ۋە باشقا ئاتالمىش «تېرورلۇق» ھۇجۇملىرىدا ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇش سەۋەبىدىن، غەرب دۆلەتلىرى تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشتا بىر قەدەر ئېھتىياتچان بولماقتا. قانداقلا بولمىسۇن، غەرب دۇنياسى ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى پائالىيىتى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق كۆچەيتتى.
ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ موھىم مەسىلە، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان زېمىنىنى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ چەتئەلدە ھۇجۇم ئەمەلىيىتى ئېلىپ بېرىشقا يول قويماسلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش-قىلماسلىقىدا بولۇپ، ھازىر ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يەنە تالىباننىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، بۇ گۇرۇپپىنى خەلقئارا سىستېمىغا قايتىدىن كىرگۈزىش ئۈچۈن تۈركىيە قوبۇل قىلغان رەھبەرلىك سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك. شۇڭلاشقا، ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگىتۇن بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى ھەققىدە توختىماي سۆھبەتلىشىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تالىباننىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مەمۇرىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە چۈشۈنەلەيدۇ.
ئارون ي.زېلىن تەرپىدىن يېزىلغان ۋە ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە «تەكلىماكان ئونۋېرسال تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىدى. ماقالىدىكى بايانلار ئاپتورنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ ، «تەكلىماكان ئونۋېرسال تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» بىلەن مۇناسىۋەتسىز.