2022-يىلى 31-مارت پەيشەنبە
روسىيە ۋە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «ئادىل ۋە دېموكراتىك يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى ئورنىتىش» ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى ، خىتاي مەنسەپدىشى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.
يىغىندىن كېيىن لاۋروف بىلەن ۋاڭ ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدا ئىنتايىن ئېغىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. سىز ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىكىردىكى باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە بىز كۆپ قۇتۇپلۇق ، ئادىل ۋە دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپىگە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز».
خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇلارنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردە خىتاي-روسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمىز.”
خىتاي مىنىستىرى ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەرنىڭ «غەربنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى روھىي ھالىتى» دىن كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ روسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ قانۇنلۇق ۋە ئىجابىي ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ، خىتاي بىلەن روسىيە ھەمكارلىقىنىڭ چېگراسى تۇغرىسىدا «بىز چېگراسىز تىنچلىق ئۈچۈن، چېگراسىز بىخەتەرلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز زومىگەرلىكنى رەت قىلىمىز. “
روسىيەنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ دەسلىپىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە دوپلوماتىك ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما روسىيەنىڭ «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتى» دېگەن سۆزدە چىڭ تۇرۇپ ، ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى «ئۇرۇش» ياكى «ئىشغال» دەپ جاكارلاشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
غەرب دۆلەتلىرى ، بولۇپمۇ ئامېرىكا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ ، روسىيەنى قوللىشىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاينى روسىيەگە ھەربىي ياردەم بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى، بولمىسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.