تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 02-كۈنى ، شەنبە
ياۋروپا بىرلەشمىسى خىتاينى روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئېىلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى قوللىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەرەپ تۇتۇشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ روسىيەنى قامال قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇردى.
سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۇكرائىنانى قوللاشنى ۋە روسىيەدىن يىراقلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بېيجىڭ بولسا ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىنى قوللاش ئۈچۈن «ئۆز ئۇسۇلى» بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئالدى بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كىچياڭ ، ئاندىن پرېزىدېنت شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «مالىيە ۋە ھەربىي ياردەم» ئاگاھلاندۇرۇشى
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىچېل باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جازا ۋە روسىيەگە ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنۇش ئۇرۇشنى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇۋېتىدۇ ».
مىچېل يەنە مۇنداق دېدى: «بىز خىتايغا جازاغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ناھايىتى ئېنىق يەتكۈزدۇق»، خىتاينىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلايدىغان قەدەملىرىنى ياۋروپالىقلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەت قارشى ئالىدۇ.
ۋاسىتىلىك تەھدىد
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن يەنە خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن روسىيەنى قوللىسا، ياۋروپادىكى ئابرۇيىغا زور زىيان سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق ياۋروپا پۇقراسى روسىيەنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. »
ۋون دېر لېيېن يەنە روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەپلا قالماي، ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بېيجىڭ «ئامېرىكىدىن مۇستەقىل سىياسەت» تەلەپ قىلىدۇ
خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يىغىن جەريانىدا «ئامېرىكىدىن مۇستەقىل» ھەرىكەت قىلىش ئۈمىدىنى يەتكۈزگەن.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۆز قارىشىنى «مۇستەقىل» شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە ئۇكرائىنا كرىزىسى ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ، كرىزىسنىڭ باشقا رايونلارغا تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. .
باش مىنىستىر لى يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىنى قوللاش ئۈچۈن «ئۆز يولىدا» داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي دۆلەتلىك مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى ئۆز دۆلىتىنىڭ تىنچلىقنى قوللايدىغانلىقىنى، سۆھبەتكە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى، دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«بىز تەرەپ تاللاشقا مەجبۇرلىنىشنى رەت قىلىمىز».
ياۋروپا بىرلەشمىسى خىتاينى روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئېىلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى قوللىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەرەپ تۇتۇشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ روسىيەنى قامال قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجەن باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ روسىيەگە قاراتقان جازا سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاي، غەربنىڭ تەنقىدىگە قارىماي ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىمىدى ھەمدە بۇنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.