2022-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۈشەنبە
«ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش» نى قارار قىلغان روسىيە، ئۇكرائىنا ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتچىلەر قاتلىمىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ باردى.
روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن. ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان يېڭى ھەربىي قوماندان تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پۇتىننىڭ بۇ قارارىنىڭ، روسىيەنىڭ دونباس رايونىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ۋە كىيېۋدىكى مەغلۇب بولغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەر پۇتىننىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىمنىڭ يېڭى قوماندانى قىلىپ تەيىنلىگەن 60 ياشلىق ئالېكساندېر دۋورنىكوفدىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىقىدا زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۋورنىكوفنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشىدىن تارتىپ سۈرىيە ئۇرۇشىغىچە روسىيە ئارمىيىسىدە نۇرغۇن رول ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.
پۇتىننىڭ قارىشىچە، سۇرىيە ئۇرۇشىدىكى «ئۇتۇقلىرى» بىلەن تونۇلغان دۋورنىكوف ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ مۇساپىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىدىكەن.
ئالېكساندىر دۋورنىكوف كىم؟
ئۇ 1982-يىلى روسىيە ئارمىيىسىدىكى ھەربىي ئەترەتنىڭ قوماندانىلىق ھاياتىنى باشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تەلىماتلىرى دائىرىسىدە مەشىققە قاتناشقان دۋورنىكوف ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشى ۋە باشقا بىر قانچە ھەرىكەتلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇ2015-يىلى 9-ئايدا سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن. دۋورنىكوۋ سۈرىيىگە قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن ، لازىقىيادىكى ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىدى، بۇ يەردىن ئازاد بولغان رايونلاردىكى پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچىدۇ.
روسىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دائىش تەشكىلاتىغا قىلغان ھۇجۇمىغا دۋورنىكوفمۇ مەسئۇل بولغان.
دۋورنىكوفنىڭ ئۇكرائىنادا دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرى
«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلدىن باشلاپ جەنۇب رايونىنىڭ قوماندانى سۈپىتىدە ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان دۋورنىكوف ئۇكرائىنادا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
سۈرىيىدە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ قولىدا ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولغان بىلەن، ئۇكرائىنادا ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بار بولۇپ، روسىيەنىڭ نۇرغۇن ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئۇ ئۇكرائىنادىكى ھاۋا مۇداپىئە جەھەتتە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقتىن باشقا، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى قەرەللىك يېتىپ بارالمايدىغان ئىلغار قوراللار ئۇكرائىناغا يېتىپ بارىدۇ، بۇ دۋورنىكوف دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.