2022-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۈشەنبە
ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى شاھباز شەرىف پاكىستان پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا باش مىنىستىر بولۇپ سايلاندى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن پارلامېنتتا سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاندىن بوش قالغان ئورۇنغا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىمران خان «ئىشەنچسىزلىك» بىلەن ئىشتىن بوشىتىلغان.
پارلامېنتا 172 دىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى-ناۋاز PML-N نىڭ رەھبىرى شاھباز شەرىف پاكىستاننىڭ يېڭى ۋە 23-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى.
شۇنداق قىلىپ ئىمران خان ھۆكۈمىتى يىقىلدى.
شاھباز شەرىف كىم؟
شەرىف 1951-يىلى لاھوردا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ شەھەردىكى « Government College ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
شەرىف ئائىلە شىركىتىدە ئىشلەشكە باشلىغان ۋە سودىگەر بولۇپ يېتىشىپ چىققان ، 1985-يىلى لاھور سانائەت-سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
1988-يىلى سىياسەتكە كىرگەن شەرىف كېيىنچە PML-N نى تەشكىل قىلىدىغان ئىسلام دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيىسىدىن پەنجاپ شىتات پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.
ئۇ 1993-يىلى يەنە بىر قېتىم پەنجاپ شىتات پارلامېنتىغا سايلىنىپ بۇ يەردە ئۆكتىچىلەرگە رەھبەرلىك قىلغان. 1997-يىلى پەنجاپ شىتات پارلامېنتىغا يەنە بىر قېتىم كىرگەن شەرىف بۇ قېتىم ۋىلايەتنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ 1999-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قەدەر بۇ ئورۇندا تۇرغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن 2000-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان. سەئۇدى خاندانلىقىنىڭ شەرىف جەمەتىنى دۆلەتكە قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
گەرچە شەرىف ئۆزىگە قارىتىلغان بىر قىسىم قاتىللىق دېلولىرى سەۋەبىدىن پاكىستانغا قايتىپ سوتقا قاتناشقان بولسىمۇ، 2004-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇلغان. شەرىف 2007-يىلى پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ كېپىللىك پۇلى بىلەن تۈرمىدىن چىققان.
ئۇ ئەيىبلەنگەن «قاتىللىق دېلولىرى» سەۋەبىدىن 2008-يىلدىكى چوڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن شىتات سايلىمىدا ئۇ قايتا پەنجاپ شىتات مەجلىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ۋىلايەتنىڭ باش مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
2013-يىلدىكى سايلامدا ئوخشاش ئورۇنغا قايتىپ كەلگەن شاھباز شەرىف ئىسلام دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيىسى PML-N دە ئۇخشىمىغان خىزمەتلەرنى قىلغان.
شەرىف 2017-يىلدىن كېيىن چوڭ ئاكىسى ناۋاز شەرىفنىڭ باش مىنىستىرلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن PML-N نىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، گەرچە ئۇ پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن باش مىنىستىرلىق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ، باش مىنىستىرلىك ئورنىغا چىقالمغان. ئۇ بىر مەزگىل پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ داۋاملىق PML-N نىڭ رەھبىرى بولغان.
شاھباز شەرىف 2022-يىلى 11-ئاپرېل پاكىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان.