يازغۇچى: Mahmut Cemil İnce
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۈمە
ئىسلام دۇنياسىدا ئاشكارىلانغان ئىشغالىيەت جەريانىنى ھەر خىل باسقۇچلارغا بۆلۈشكە بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ ئەھۋالنى يېقىنقى ئەسىرلەردە روسىيەنىڭ قىرىم ۋە كاۋكاز رايونىنى 18-ئەسىردە ئىشغال قىلىشى بىلەن باشلىيالايمىز.
بۇ يېڭى دەۋردە مۇسۇلمانلار ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن نۇرغۇن يەرلەر ئىشغال قىلىندى. بالقان رايونىدىن تۈركىستانغىچە، ئافرىقىدىن ئەرەبىستانغىچە بولغان بارلىق ئىسلام زېمىنى ئىشغالچى قوشۇنلار تەرىپىدىن ئاياق ئاستى قىلىندى. ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ يىمىرىلىشىمۇ ئىشغالىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى.
تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت. ئىمام شامىلدىن ئۆمەر مۇختارغىچە، ئوسمان باتۇردىن ئوسمان بىن فۇدىغىچە بولغان نۇرغۇن رەھبەرلەر ئىشغالىيەتكە قارشى ئىسلام مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلدى. بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە، ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىسلامنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى بىلەن ھەقىقىي پىكرى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئېرىشتى.
ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن سىياسىي چۈشەنچە، رايونلۇق پىكرى رامكا ۋە كۈچلۈك ئاساسلاردىن ھالقىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇشىغا يول ئاچتى.
🔴 تاجاۋۇزچىلىق ۋە قارشىلىق
ئىسلام دۇنياسىنىڭ زامانىۋى تارىخىنى «قارشىلىق كۆرسىتىش تارىخى» دېيىشكە بولىدۇ.
بىز ئىسلام دۇنياسىنى شەرقتىن غەربكە قارىتا كۆزىتىدىغان بولساق، ھەر بىر رايوندا نۇرغۇن قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. مورو، پاتانى، ئاراكان، شەرقىي تۈركىستان، كەشمىر، ئافغانىستان، چېچىنىيە، ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن، يەمەن، سومالى، ئالجىرىيە، لىۋىيە، مالى … بىر نەپەستە ئېسىمگە كەلگەن ۋە كەلمىگەن ئون نەچچە مىسال.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىسرائىلىيە، روسىيە، فرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك قوللىغۇچىلىرى بولغان نۇرغۇن تاجاۋۇزچى كۈچلەر … گەرچە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىشغالىيەت ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھادىسە بولسىمۇ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تاجاۋۇزچلىق 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىلەن يېڭى بىر شەكىلنى قوللاندى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىرلەشمىسى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئويغىنىش ھەرىكىتىنى بوغۇپ، يېڭى ئىشغالىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا باشلانغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ ئۇرۇش يېڭى تاجاۋۇزچىلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقىش بىلەن بىرگە، كونا كۆرۈنۈشلەرنىڭ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتتى.
نۇرغۇنلىغان ھەربىي، سىياسىي، زىيالىي، دىنىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرگە ئىگە بۇ كۆرەشتە، ئىسلام دۇنياسى گەرچە نۇرغۇن جاراھەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىسلامنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى بىلەن قارشىلىق يەنىلا داۋاملاشماقتا. گەرچە زىيان تارتقان، زەربىگە ئۇچرىغانلار ۋە يولدا يۈتۈپ كەتكەنلەر نۇرغۇن بولسىمۇ، ئوخشاش مەقسەت يەنىلا تىنچ ئوكياندىن ئاتلانتىك ئوكيانغىچە داۋاملاشماقتا.
🔴 ئۈممەتنىڭ ساداقەتمەنلىك قەرزى
بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى، پۈتكۈل جەرياننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلىشتىن كۆرە، ئىسلام دۇنياسىغا ساداقەتمەنلىك قەرزىنى ئەسلىتىش ۋە ئەسلەشتىن ئىبارەت.
گەرچە بەزى چەمبىرەكلەر بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىنىڭ قىممىتىنى ئورنىغا قويمىغان بولسىمۇ، ساداقەتمەنلىك قەرزىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىدا.
ئەگەر پەلەستىن، ئافغانىستان، ئىراق، كەشمىر ۋە بارلىق ئىسلام زېمىنىدىكى قارشىلىق بولمىغان بولسا ئىدى، ئىشغالىيەت مۇساپىسىنىڭ قەيەرگە يېتىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
ئەگەر پەلەستىن خەلقى ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن بۇ قارشىلىققا قاتناشمىغان بولسا، ھەمدە ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ جۇغراپىيەسىنى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرمەي كونترول قىلغان بولسا ئىدى، بىز بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمنىڭ ئۆلچىمىنى باشقىچە بىر شەكىلدە سۆزلىگەن بولاتتۇق.
ئوخشاشلا، ئەگەر ئىراق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كۆرەشلىرى بولمىغان بولسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يەردە پاتقاققا پېتىپ قالمىغان بولسا ئىدى، ئامېرىكا نەدە توختىغان بولاتتى؟
ئەگەر ئافغانىستان خەلقى 50 يىللىق كۆرەش مۇساپىسىدە مىليونلىغان پەرزەتلىرىنى قۇربانلىق قىلمىغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاندىن ئامېرىكا ئارمىيىسى نەگە يۈرۈش قىلاتتى، ئۇلار قايسى رايونلاردا كۈچ ۋە بايلىقنى ئىشلەتكەن بولاتتى؟
ئەگەر كەشمىر قارشىلىق كۆرسەتمىسە، تۈركىستان قارشىلىق كۆرسەتمىسە، ھىندىستان ۋە خىتاي ئارمىيىسى نېمىلەرنىڭ ئارقىسدىن يۈگۈرەتتى؟
بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىغا ھاياتى ۋە بارلىق مەۋجۇتلۇقىنى ئاتا قىلغان بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ھېچ بولمىغاندا زور ساداقەتمەنلىك قەرزىمىز بار.
ئافغانىستاندىن پەلەستىنگىچە بولغان بىر ئۈممەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن قىلىنغان بۇ قۇربانلىقلارغا سادىقلىق كۆرسىتىش ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆرىشىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ نېگىزلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.