2022-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەنبە
2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلانغان ئوكرائىنغا قارشى باشلانغان روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتتى ۋە داۋاملىق ئەۋەتمەكتە.
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئەڭ كۆپ ھەربىي ياردەم ئەۋەتكەن دۆلەت، ھازىرغا قەدەر 3 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم ۋە 165 مىليون دوللار قوشۇمچە قورال سېتىپ بەردى.
بەزى دۆلەتلەر روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشى ۋە ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيېۋ ھۆكۈمىتىنى تانكا ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىدى، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇكرائىنانى قوللاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن قوراللارنىڭ كۆپىنچىسى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) ۋە زەمبىرەكتىن تەركىب تاپقان.
ئامېرىكىدىكى كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ قورال سودىسى ساھەسىدە تەتقىقاتچى ۋە سىياسەت ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جوردان كوخېن، تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىپ بېرىدۇ:
- قورال-ياراغ
تاپانچا، ئاپتومات ۋە ئوق-دورا بولسا يەتكۈزۈلگەن قوراللار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا تاپانچا، ئاپتومات ئۈچۈن 50 مىليون دانە ئوق-دورا ئەۋەتتى. گوللاندىيە، كانادا، لىتۋا، پولشا، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، سلوۋېنىيە ۋە گرېتسىيەمۇ ئوق دورا بىلەن تەمىنلىدى.
قورال ۋە ئوقنىڭ مۇھىملىقى ئېنىق. بۇ قوراللار بولمىسا، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىمۇ، پىدائىي پۇقرالارمۇ ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ. يەڭگىل تىپتىكى قوراللارنى ئۆگىنىش ئاسان، قوراللارنىڭ كىچىك ۋە يەڭگىل بولۇشى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە كۆپلەپ توشۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
- باشقۇرۇلىدىغان بومبا
نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇكرائىنانى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىدى. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئامېرىكىدا ياسالغان تانكىغا قارشى باشقۇرۇلدىغان بومبا« Javelin». ئامېرىكا بۈگۈنگە قەدەر ئوكرائىنانى 7000 دانە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلدىغان بومبا «Javelin» بىلەن تەمىنلىدى. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى روسىيەنىڭ تانكىلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك ھېس قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
تانكىغا قارشى باشقۇرۇلدىغان بومبا «Javelin» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۆرىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىش ئاسان. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشنى يېرىم سائەت ئىچىدە ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تېخىمۇ مۇھىمى، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلدىغان بومبا «Javelin» ئاتقاندىن كېيىن، نىشاننى قايتا قوغلاشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا ئىشلەتكۈچىنىڭ جەڭ مەيدانىدىن دەرھال قېچىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا ھاۋادىن مۇداپىئە سىستېمىسى ئەۋەتتى. ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى بولغان Stingerنى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلدىغان بومبا «Javelin» نىڭ ئايروپىلانغا قارشى نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ستېنگىر بىر ئادەم ئېلىپ يۈرەلەيدىغان دەرىجىدە يېنىك بولۇپ، ئوق چىقارغاندىن كېيىن نىشاننى قوغلاشنىڭ ھاجىتى يوق. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىل (تەخمىنەن 8 كىلومىتىر) يىراقلىقتىكى نىشاننى توسىيالايدۇ.
گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن Gepard ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى تېز ھەرىكەتلىنىدىغان برونېۋىك ۋە 10 ئىنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى ئايروپىلاننى نىشانلىيالايدۇ.
پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەنگىلىيەدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزدىكى پورتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
- قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA)
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىن سېتىۋالىدىغان بولۇپ، روسىيەنىڭ تانكىلىرى ۋە زەمبىرەكلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. بۇ قوراللار ئادەتتە كىچىك بولىدۇ، مەسىلەن؛ ئامېرىكا ئەۋەتكەن Switchblade «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 3 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ، ئۇ روسىيەنىڭ تانكىسى ۋە زەمبىرەك ئورۇنلىرىغا زەربە بېرىشكە ماھىر. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىچىك ئايروپىلانلار روسىيەنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا روسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا «MQ-9 ئورۇش ماشىنىسى» قاتارلىق تېخىمۇ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئۇكرائىنانى Bayraktar SİHA بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئايروپىلانلار ئۇكرائىنانى قوغداشتىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك قوراللارنىڭ بىرى. نۇرغۇن ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بايراقتارنىڭ ئويلىمىغان يەردىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، تۈرك SİHA ىغا تەشۋىقات جەھەتتە ئالاھىدە پايدىلىق بولىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
- زەمبىرەك
بەزى دۆلەتلەر يېقىندا ئۇكرائىناغا زەمبىرەك ۋە چوڭ كالىبىرلىق قوراللارنى ئەۋەتىشكە باشلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ باھا بەردى: روسىيە ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنى يىراق مۇساپىلىك بومبا بىلەن ئارقىغا چېكىندۈرمەكچى بولىۋاتقان بولۇپ، ئاندىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە تانكىلارنى بىر قەدەر بىخەتەر بولغان رايونغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىلغار سىستېما قوراللىرى ئىشقا چۈشىدۇ.
خەلقئارانىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي قوللىشى رۇسىيەنىڭ ئوكرائىنا زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشى ۋە ھاۋا ئەۋزەللىكىنى تىكلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.