تەۋسىيەسىياسىي فىلىمفىلىملەر

ئوكرائىنا ئۇرۇشى روسىيەنىڭ سۈرىيىدىكى مەۋجۇتلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ «يېڭى فىلىم»

2022-يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى

بەششار ئەسەدنىڭ ئىران زىيارىتى سۈرىيەدە يېڭى مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى. 2011- يىلى سۈرىيەدە باشلانغان ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن ئىككى دۆلەت بولسا، ئىران بىلەن روسىيە.

روسىيە 2015-يىلغىچە بۇ ئۇرۇشقا بىۋاسىتە ئارىلاشمىغان بولسىمۇ، ئىران شىئە مەزھىپىدىكى ياللانما ئەسكەرلىرى ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلار قىسىمىنىڭ ياردىمىدە بەششار ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق قوللاپ كەلدى. قوراللىق كۈچلەرنىڭ 2015-يىلى ئەتىيازدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىراننىڭ مەيداندىكى كۈچىنىڭ ھاكىمىيەتنى قۇتقۇزۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، 2015-يىلى 9-ئايدا، روسىيە ئۇرۇشقا بىۋاسىتە ئارىلىشىش ئارقىلىق بەششار ئەسەد قىسىملىرىنى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قوللاشقا باشلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button