2022- يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەكشەنبە
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئوخشاش پىكىردە يەنى «ئۇرۇشنى ئۇزۇنغا سوزۇش»
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ پۇتىننى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدىغانلىقى ئېنىق بىر ئەمەلىيەت بولۇپ، غەرب دۇنياسى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ بېسىمنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، غەربلىكلەر بىر تەرەپتىن پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قەيسەرلىكىنى سىنىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ۋەقە يۈز بېرىۋاتقاندا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيىسىنى كۆزىتىۋاتىدۇ.
دۇنيادا سىزىق سىزىلىپ، تەرەپلەر ئېنىقلىشىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئامېرىكىلىقلار ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئاقىلانىلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا. بىز ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ ھەركىتىدە بىز دائىم كۆرىدىغان «ئىككى خىل ئۇسۇل» يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ھەر بىر ھەرىكەت مەلۇم بىر ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ ئامېرىكىلىقلارنى روسلاردىن ئايرىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. يەنى غەربلىكلەرنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى نەچچە يىل ئىلگىرى باسقان يەنە بىر قەدەمنىڭ داۋامىي سۈپىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئەمما روسلارنىڭ بۇ جەھەتتە نىشانى تار دائىرىدە.
مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ قەدىمىي توقۇنۇشتا روسلارنى شەرقىي ياۋروپانىڭ «مودا چىرايى» دەپ كۆرسىتىلىشىنىڭ سەۋەبى، پۇتىن قانچە كۆپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساتقان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان «ئىقتىساد» نىڭ ئالدىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئېنېرگىيە تۈرلىرىدىن باشقا يەنە، روسلار قوشۇلما قىممەي يارىتىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار بىلەن دۇنيا بازىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
«ئامېرىكىنىڭ نىشانى پەقەت روسىيىلا ئەمەس»
ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ نىشانى پەقەت «روسىيە» دېيىش بۇ مەسىلىنى بىز ئۈچۈن تار دائىرىدە چەكلەپ قۇيغان بولىدۇ. ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، نىشان خىتاي، روسىيە ۋە ئىراننى مەركەز قىلغان چوڭ ئاسىيا ئىتتىپاقى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىچىدە «خىتاي» ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىغا ئىقتىسادىي، سانائەت، رەقەملىك تېخنىكا، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردە تەھدىد سالىدىغان بىردىنبىر كۈچ. خىتاينىڭ قوللىشى بولمىغان روسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى تۇرالىشى ناتايىن.
ئامېرىكىنى روسلاردىن ئۈستۈن قىلىدىغان ئىككىنچى ئامىل بولسا، ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىتتىپاق قۇرۇش ئىقتىدارىدۇر. ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان پارچىلىنىش ئاۋازلىرىنى دەرھال جىمىقتۇرۇش كۈچىمۇ بار. بۇ ئىقتىدارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كېلەلىدى.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە مەجبۇرىي ئىتتىپاقدىشى بولغان ياۋروپا، قوشۇلما قىممەت سانائىتى ۋە تېخنىكا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ باي بازار ھېساپلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان قوشۇلما قىممەت سانائەت ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى سېتىلدىغان ياۋروپا بازىرى خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەڭ چوڭ رول ئوينىدى. بىلگىنىمىزدەك بىر دۆلەت يۇقىرى قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ياۋروپا بازىرىدا ساتالمىسا (بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىردىنبىر بازىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا)، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى «ياۋروپا بازىرىنى خىتايغا تاقىشى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن شەرقىي ئاسىياغا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇكرائىنا مەسىلىسى بۇ سودىنىڭ ئىككىنچى تۈۋرۈكى. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت خىتاي-روسىيە ئىتتىپاقىغا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىنى پۈتۈنلەي توسۇش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا روسىيەدىن باشقا دۆلەتلەردىن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت مەنبەسىنى ئىزدىشىگە توغرا كېلىدۇ. پرېزىدېنت بايدىن بۇنىمۇ قوبۇل قىلىغان بولۇپ، ئۇ سايلانغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپالىقلارنىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتىدۇ.
بايدىننىڭ ھېسابلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ئېنېرگىيە مەنبەسى ياۋروپا بازىرىغا كىرىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا روسلارغا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەمدە ئېنېرگىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بولىدۇ.
بۇ ئەھۋالنىڭ روسلارنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق. 2 ئايدىن بۇيانغا داۋاملاشقان تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ روسىيەنىڭ سۈرىيىدىكى كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنىمۇ كۆرەلەيمىز.
روسىيەنىڭ سۈرىيىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ كەلگۈسىنى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر، شەرقىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭى تۈرلەر يولغا قويۇلسا، موسكۋا ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.