2022- يىل 8- ئاينىڭ 1-كۈنى
روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەستىقلىغان روسىيەنىڭ يېڭى دېڭىز تەلىماتىدا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ پائالىيەتلىرى روسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت دەپ قارالدى.
روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى يىللاردىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلەيدىغان دېڭىز تەلىماتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئىمزالىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى روسىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا زور تەھدىت دەپ قارالغان بۇ تەلىمات 31-ئىيۇل پۇتىنز تەرىپىدىن تەستىقلاندى .
بۇ تەلىماتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېڭىزدا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ تەرەققىياتلار روسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئاساسلىق تەھدىت دەپ ئاتالدى.
روسىيە 2001-يىلى ئۆزىنىڭ دېڭىز تەلىماتىنى ئېلان قىلغان.
ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلانغان تەلىماتتا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنى دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدىكى تەھدىت دەپ قاراش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.