1K
ئىران ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى چېگرادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانماقتا
ئىراننىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ئافغانىستاندىكى ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىش نەتىجىسىدە، چېگرا توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرلەشمە كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يېقىندا ئىككى دۆلەت چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بۇ ئەھۋالدىن كېيىن، ئىراننىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئىسلام ئەمىرلىكنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ بۇ خىل توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلدى.
يېڭىدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە كومىتېت بىلەن ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش پىلانلاندى.