خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن سەپىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چاقىردى. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە جاۋابەن قاراتمىلىقى بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى باشلاش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىكەن.
خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھەقىقىي ئوق-دورا ۋە ئادەتتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىشلىتىلگەن مانېۋىرغا، رايوندىكى تولۇق سەپلىمىلىك J-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قاتناشتۇرۇلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 4 – ئاۋغۇستتىن 7 – ئاۋغۇستقىچە (2022) تەيۋەن ئەتراپىدىكى ئالتە ئوخشىمىغان رايوندا بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تەن كېفېي بايانات بېرىپ، ئارالنىڭ شىمالى، غەربىي جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرلارنىڭ، شەرق تەرىپىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەك مەشقىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مانېۋىرلارنىڭ مەقسىتىنىڭ «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش»تىن ئىبارەت دېگەنىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى ۋە ھەمراھلىقىدىكى بەش پالاتا ئەزاسى ئولتۇرغان ئايروپىلان، خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي، تۈنۈگۈن كەچتە (2-ئاۋغۇست) تەيۋەنگە يېتىپ بارغانىدى.
.