ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەن بوغۇزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرىنى باشلىدى.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى (FLA) شەرق فرونتى قوماندانلىق ئورگىنى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ شەرقىدىكى بەزى رايونلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى ۋە «نىشانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇلغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پېلوسىنىڭ ئايروپىلانى تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن، ئارال ئەتراپىدا «بىر يۈرۈش ھەربىي مانېۋىر» ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشچە، ئارالنىڭ شىمالى، غەربىي جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان بىرلەشمە مانېۋىردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا يىراق مۇساپىلىك زەمبىرەك مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەن ئارال ئەتراپىدا ئەمەلىي قامال پەيدا قىلدى.
ئالتە رايوندا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر سەۋەبىدىن بەزى رايونلار پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتنىشى ئۈچۈن تاقالغان بولسىمۇ، ئەمما بوغۇزى ئېغىزىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ ئۈزۈلۇپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.