خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى سەۋەبىدىن ، ئارالدىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى سەي يىنڭۋېننى «دۆلەت ئىشلىرىغا خىيانەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مىنىستىر ۋاڭ كامبودژادا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان زىيارەتكە باھا بەردى.
ئامېرىكىنىڭ «دېموكراتىيە» نى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋاڭ مۇنداق دېدى: « سەي يىنڭۋېن ۋەكىللىكىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ خىتايغا خىيانەت قىلغانلىق».
تىلغا ئېلىنغان ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىشىدىكى تارىخى يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ: «ئوت بىلەن ئوينىغانلارنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى ئاخىرلاشمايدۇ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ» دېدى.