پرېزىدېنت ئەردوغان ئەتە سوچىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئىككى رەھبەر تېھراندىكى ئۇچرىشىشتىن 17 كۈندىن كېيىن، روسىيەنىڭ سوچى شەھرىدە كۆرۈشىدۇ.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئاساسلىق ھەرىكەت كۈن تەرتىپدە
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكەت يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ قالىدۇ.
پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىن جەريانىدا رۇسىيە بىلەن 2019-يىلى ئىمزالانغان 10 ماددىلىق كېلىشىمنى ئەسلىتىدۇ. ھەمدە روسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاشلىق كارىدورىغا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر باھالىنىدۇ
سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئاشلىق كارىدورى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋال نەزەردە تۇتۇلىدۇ.
بىرىنچى پاراخوت يولغا چىققاندىن كېيىن ، يېڭى ماللارنىڭ ھېچقانداق مەسىلە چىقماي تۇرۇپ خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ كۈن تەرتىپىدە بولىدۇ.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىسىمۇ قاراپ چىقىلىدۇ.
ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى بېكىتىلگەن بىرلەشمە سودا مىقدارى نىشانىغا ئاساسەن باھالايدۇ.
ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە ھازىر بار بولغان تۈرلەردىن باشقا ، ھەمكارلىق رايونلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر تەكشۈرۈلىدۇ.