ئالىملار خىتاينىڭ شەرقىدە «ھايۋاندىن ئىنسانلارغا تارقىلىدۇ» دەپ قارالغان ھازىرغىچە كەم دېگەندە 35 ئادەمدە بايقالغان يېڭى ۋىرۇسنى كۈزەتمەكتە.
خىتاينىڭ شەندۇڭ ۋە خېنەن ئۆلكىسىدىكى 35 ئادەمدە «لەنيا» ئىسىملىك henipavirus بايقالغان. ۋىرۇسنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى قىزىش ، ھارغىنلىق ۋە يۆتەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىنگاپوردىكى دۇك- NUS تىببى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لىنفا خىتاي دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ ۋىرۇسنىڭ ھازىرغىچە ئۆلۈم ياكى ئېغىر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئالامەت يوق.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە سىناق قىلىنغان ۋىرۇسنىڭ %27 لىك يۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئىتلاردا %5 ۋە ئۆچكىلەردە %2 ىدە بايقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەيۋەن كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يەكشەنبە كۈنى LayV ۋىرۇسىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.