دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۆكتەبىردە ھىندىستاننىڭ ماھىسار رايونىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىرغا پاكىستانمۇ قاتنىشىدىكەن.
پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارمىيىسى ئىلگىرى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتناشقان، ئەمما بۇ قېتىم پاكىستاننىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستان چېگراسى ئىچىدىكى مانېۋىرغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
پاكىستان ھىندىستاندىن ئايرىلغاندىن بۇيان، قوشنا ئىككى دۆلەت چېگرا، بولۇپمۇ كەشمىر مەسىلىسىدە ئېغىر توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈردى ۋە داۋاملاشتۇرماقتا.
2019-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىردىكى ئالاھىدە ئورنىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان-ھىندىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قىزىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، روسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 8 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان.