
جوئاننە ئوۋ: «رايون خاراكتېرلىق مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقىنى دەل خىتايدۇر»
خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق تالاش – تاتىشى داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەن ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ سىياسەت ھۆججىتىدىكى «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئاساسىدىكى «تىنچ بىرلىشىش» تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جوئاننە ئوۋ ئېلان قىلغان بابايانتىدا، بىر تەرەپتىن ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىش تولىمۇ ئىشىنىكسىز بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتچى جوئاننە ئوۋ خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سىياسەت ھۆججىتىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاپتونومىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى كۆرمەسكە سالغان ھالدا، تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى ھېسبلاشقا رەددىيە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى جوئاننە ئوۋ، «چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىستلار ئەزەلدىن تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باققان ئەمەس. تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى 23 مىليون 500 مىڭ تەيۋەن خەلقىگە ئائىتتۇر. تەيۋەن خەلقى بېيجىڭنىڭ <بىر دۆلەت، ئىككى سىستېما> تەكلىپىنى ئاساس قىلىپ بىرلىشىش تەكلىپىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.
جوئاننە ئوۋ يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نېنسى پولىسىنىڭ ئارالدىكى زىيارىتىنى باھانە قىلىپ، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىدە بولدى. مانېۋىر ئارقىلىق ھەربىي كۈچ كۆرسەتتى. تەيۋەننى تور ھۇجۇمى ۋە تەتۇر تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قورقۇتماقچى بولدى. پەقەت تەيۋەنگىلا ئەمەس، پۈتۈن رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالدى. ھەقىقىي خەلقئارالىق ئويۇن ئۆزگەرتكۈچى ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دەل خىتايدۇر»
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان تەيۋەن سىياسەت ھۆججىتىدە، ئارال بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيە ۋە ئىجتىمائىي پەرقنى ئېتىراپ قىلىشنى ئاساس قىلغان «تىنچ بىرلىشىش» نىشانىنى تەكىتلىگەن ۋە ھۆججەتتە «بىر دۆلەت ، ئىككى سىستېما» قارىشىنىڭ ئەڭ سىغدۇرۇشچان ھەل قىلىش چارىسى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
نېنسى پېلوسى ۋە 5 كىشىلىك پالاتا ئەزاسى ھەيئىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى، بۇ ئارالنى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ داۋا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە زىيارەتتىن كېيىن خىتاي ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.