ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىدىن كېيىن، 5 ئامېرىكىلىق ۋەكىلنىڭ تەيۋەننى «تۇيۇقسىز» زىيارەت قىلىشى، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي مانېۋىرىنى ئۇزارتىشىغا سەۋەب بولدى.
پېلوسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ زىيارىتى 14- چسىلا كېچىدە تەيبېينىڭ «خەۋەرسىز» باشلاندى.
بېيجىڭ دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن ئاخىرلىشىدىغان بۇ زىيارەتكە قارىتا تەيۋەن رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئارمىيىسى شەرقىي قانىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېدى: 15-ئاۋغۇست، خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا كۆپ خىل ئۇرۇش ھالىتى ئۈچۈن بىرلەشمە تەييارلىق، چارلاش ۋە جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزدۇ.
باياناتتا يەنە مانېۋىرنىڭ «ئامېرىكا ۋە تەيۋەنگە داۋاملىق سىياسىي ئويۇنلارنى ئويناپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا قاتتىق تەھدىد» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايرىم باياناتىدا يەنە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ۋە «ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ
چىقارغۇچى بولۇشتەك ھەقىقىي چىرايىنى تولۇق ئاشكارىلىدى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
تەيۋەن: «خىتاينىڭ تەھدىتى بىزنى قورقۇتالمايدۇ».
تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ تسېڭ چاڭ مۇخبىرغا بۇ تېمىدا مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ «چەتئەللىك دوستلىرى» مىزنىڭ زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسى بىزنى « قورقۇتالمايدۇ ».
باش مىنىستىر مۇنداق دېدى: «بىز يېقىن ئەتراپتا ناچار قوشنىمىز بار دەپ قاراپ ئولتۇرمايمىز ۋە زىيارەتچىلىمىز ياكى دوستلىرىمىزنىڭ كېلىشىنى توسمايمىز.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە سەي بىلەن كۆرۈشكەن ۋەكىللەرنىڭ زىيارىتى پېلوسىغا ئوخشاش ئامما ۋە مەتبۇئاتلاردا ئەكس ئەتمىگەن.
دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تەيۋەندىن ئايرىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ ۋە تەيۋەن پارلامېنتى تاشقى ۋە مۇداپىئە كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.