ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس خېپپېي خىتاينىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن پىنسىيەگە چىققان ئەنگىلىيە ئۇچقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۆز دۆلىتىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خېپپېي «ساما خەۋەرلىرى» گە مۇنداق دېدى: پىنسىيەگە چىققان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشكە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىلىدۇ.
بۇ مەسىلىنىڭ ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خادىملىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن قىزىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تۆۋەندىكى بايانلارنى قوللاندى: «بىز ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەركەتكە قاتناشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇق ۋە يېقىندا بۇ مەشىقنى «جىنايەت» ھېساپلايدىغان قانۇن چىقىرىمىز».
خېپپېي خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشىنىشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
🔴 «خىتاي دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەنگىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىد سالىدىغان رىقابەتچى».
خېپپېي مۇنداق دېدى: خىتاي «دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەنگىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىد سالىدىغان رىقابەتچى» سى ھەم «مۇھىم سودا ھەمراھى».
ئىگىلىنىشچە، خىتاي تەخمىنەن 30 پىنسىيەگە چىققان ئەنگىلىيە ھەربىي ئۇچقۇچىسىنى تەكلىپ قىلىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى ھەر يىلى 240 مىڭ فوندستېرلىڭ مائاش بىلەن تەربىيەلەش توغرىسىدا تەكلىپ قىلغانلىقى كۈن تەرتىپكە كەلگەن ئىدى.
بۇ ئۇچىقۇچىلارنىڭ ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئەزالىرى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ باشقا قىسىملىرىدا ئىشلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.