يازغۇچى: ئابدۇلكەبىر گۈنيول
مەنبە: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى
2022-يىل 22- ئۇغۇز (ئۆكتەبىر)
1- خىتاي رىقابەتنىڭ ئالدىغا ئۆتتىمۇ؟
2- تېخنىكا شىركەتلىرى
3- ئامېرىكىدىن ئۆزەك كەسپىگە غايەت زور مەبلەغ
4- خىتاي «ئۆزەك ساھەسىگە» ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت
5- قايسى ساھە ئۆزەك كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ؟
خۇاۋېيغا قوللىنىلغان چەكلىمىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكا-خىتاي تېخنىكا ئۇرۇشى يېقىندا، ئۆزەك كەسپىدە ئۆز-ئارا بىر بىرىگە قارشى قەدەم بېسىش ئارقىلىق يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا توقۇنۇشى «ئۆزەك ئۇرۇشى» بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. 2019-يىلى خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېيغا يۈرگۈزۈلگەن جازا بىلەن دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈلگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆزەك چەكلىمىسى بىلەن يەنە كەسكىنلەشتى.
- خىتاي رىقابەتنىڭ ئالدىغا ئۆتتىمۇ؟
خىيالىدا بىر مەزگىل سۈپەتسىز تاۋار سۈپىتىدە ئويۇلغان خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ رەقەملىك دەۋردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن كېيىن ئەكسىچە تونۇش پەيدا قىلىشقا باشلىدى.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي «سۈپەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت» دىگەن نامدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «خىتايدا ياسالغان 2025» پىلانى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىشنى نىشان قىلغان.
نۇرغۇن تېخنىك خادىملار خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاساسلىق چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. گۇگۇلنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet نىڭ سابىق مەسئۇلى ئېرىك شىمىدنىڭ قارىشىچە، خىتاي 2025-يىلغىچە سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
AI Superpowers كىتابنىڭ ئاپتورى، خىتايچە گۇگۇلنىڭ سابىق باشلىقى كەي فۇ لىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ئەھۋال ئاللىقاچان خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەكتە.
- تېخنىكا شىركەتلىرى
خەلقئارا ماركا باھالاش ئورگىنى Brand Finance تەرىپىدىن تەييارلانغان «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك 500 داڭلىق ماركا- يەرشارى 500-2022 تەتقىقاتى» غا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن تۆت بەش يىللار ئىلگىرى دۇنيادىكى ئالدىنقى 20 تېخنىكا شىركىتى تىزىملىكىدىن ئورۇن تاپالمىغان خىتاينىڭ ھازىر ئەڭ قىممەتلىك 20 شىركەتلەر تىزىملىكى ئىچىدە 7 شىركەت بار ئىكەن.
ئامېرىكنىڭ بولسا بۇ تىزىملىكتە 9 شىركىتى بار، بۇ تىزىملىكنىڭ كۆپىنچىسى تېخنىكا شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى 4 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئالما، ئامازون، گۇگۇل ۋە مىكروسوفت تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بەشبۇرجەكلىك بىنادىن ئىستىپا بەرگەن باش يۇمشاق دېتال ئەمەلدارى نىكولاس چايلان مۇنداق دېدى: خىتاي سۈنئىي ئىدراك جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقرارنامىسى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چايلان مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 15-20 يىلدىن كېيىن خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش پۇرسىتىمىزبولمايدۇ»
ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش فوندى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاينىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
خىتاينىڭ ئۆزەك ئېكسپورتىدىكى ئەۋزەللىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. Statista نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تەيۋەن ۋە شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينى نەزەرگە ئالغاندا، خىتاينىڭ مىكرو ئۆزەك ئېكسپورتى 2020-يىلى 400 مىليارد دوللارغا يەتكەن. 2021-يىلى، خىتاينىڭ ئېكسپورتى 522 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئامېرىكا بولسا 2020-يىلدىكى ئۆزەك ئېكسپورتىنى 44 مىليارد دوللاردىن 53 مىليارد دوللارغا ئۆستۈردى ۋە بۇ تىزىملىكتە 7-ئورۇنغا ئۆتتى.
- ئامېرىكىدىن ئۆزەك كەسپىگە غايەت زور مەبلەغ
بۇ تەرەققىياتلاردىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە كۈچنى يوقىتىپ قۇيۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئامېرىكا تېخنىكا ساھەسىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتايىن مۇھىم بىر پىلان تۈزىدى. بايدېن 8-ئايدا «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇنى» نى ئىمزالىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن 52 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق ياردەم پىلانىغا ئىمزا قويدى.
ئامېرىكىنى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خىتاي بىلەن تېخىمۇ ياخشى رىقابەتلىشەلەيدىغان ئورۇنغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان بايدېن، بۇ قانۇن توغرىسىدا«ئۆزەك كەسپىنىڭ كەلگۈسى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ» دېدى.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بۇلتۇرقى سۆزىدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيىلىك ئويۇندىكى ئەڭ مۇھىم جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي يەنە ئۇزۇندىن بۇيان خۇسۇسىي تارماقلارنى سۈنئىي ئىدراك ۋە ئۆزەك تەتقىقاتىغا يېتەكلەش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
- خىتاي «ئۆزەك ساھەسىگە» ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت توغرىسىدا توختالغان «ئىقتىساد گېزىتى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى 20 مىليارد دوللار بىلەن ئۆزەك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىغانلىقى ۋە يەنە 30 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى يازدى. ژۇرنالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلىتىمۇ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ئىكەن.
ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلاردىن كېيىن ، ئۆزەك ئۇرۇشى ئەڭ كەسكىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە ئېھتىياجلىق ھالقىلىق تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئېكسپورت قىلىشقا يېڭى چەكلىمىلەرنى قويغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىن ئوخشىمىغان سۈركىلىشلەر چىقىشقا باشلىدى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى پۇقرالىرىنىڭ بەزى ئۆزەك زاۋۇتىدا ئىشلەشنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتايغا جايلاشقان نائۇرا تېخنىكىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن تەتقىقات خىزمىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ چەكلىمىلەرنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئامېرىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىشى ياكى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن ئۈمۈد بار.
«The Economist» نىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا ئىشلەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكى مەلۇم. خىتاي بولسا ئاساسلىق خىتاي ئىنژېنېر ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئىشلىتىدۇ.
- قايسى ساھە ئۆزەك كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ؟
ئۆزەك كرىزىسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساھەدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەن. ماشىنا سانائىتىمۇ شۇلارنىڭ بىرى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكىمۇ ئۆزەك كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى 17 ماشىنا زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان ياكى ئاستىلاتقان.
ئېلېكترونلۇق سايمانلار ئۆزەك كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈرلەرنىڭ بىرى. خاتىرە كومپيۇتېردىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونغىچە، كامېرادىن ئويۇن كونترول سۇپىسىغىچە نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزەكنىڭ بولماسلىقى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تۈرىمۇ ئۆزەك كرىزىسى دۇچ كەلگەن ساھەلەرنىڭ بىرى. ئۆزەك بۇ ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۆزەك كرىزىسى سەۋەبىدىن ئېلېكترونلۇق سۈپۈرگە، كىرئالغۇ ۋە تېلېۋىزور قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئوخشاشلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.