بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىنقى 10 يىلدا دۇنيادىكى تەرەققىياتلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كۆڭۈل بۆلۈش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. بىز ب د ت دۇچ كەلگەن مەسىلەر توغرسىدا ئىزدىنىپ چىقتۇق قېنى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ…
- ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىنچلىقنى قوغداش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ 4 نىشانغا ئاساسەن قۇرۇلدى. ئەڭ ئاساسلىق مەقسەت ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقنىڭ قۇغدىلىشى ئىدى. يەنى ياشاش ھوقۇقى، ئەمما ب د ت بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.
- ب د ت نىڭ «ئەندىشە» كۈچى
5 دائىمىي دۆلەت ئۆز ئىچىگە ئالغان 193 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان غايەت زور كۈچ بولغان بۇ تەشكىلات يېقىنقى 10 يىلدا فۇنكسىيەسىنى ئورۇندىمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەندى.
دۇنيادا يۇقۇم، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەقەت پۈتۈن جەريانغا «ئەندىش» بىلەنلا ئەگىشىپ كەلدى.
ئۇ بۇ ئەندىشىنى بەزىدە ئەيىبلەش، بەزىدە قاتتىق ئەيىبلەش ئارقىلىق يېڭىشكە تىرىشىتى. ئەمما ئەيىبلەش زوراۋانلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ئۇيۇنلانىڭ ئالدىنى ئالالمىدى ئەلۋەتتە.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەندىشىسى #شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوچۇق ئاشكارا قىرغىنچىلىق، تۇتۇپ سولاش، ئاچ-سۇسىز قويوپ ئولتۈرۈش، ئۇنىڭدىن باشقا #سۈرىيە، #بېرىما، #ئىراق، #كەشمىر ۋە #ھىندىستاندا بولىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى توختالمىدى ھەم ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئاممىۋى قەبرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدىئ
- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىمۇ ئۇخشاشلا ئەندىشە ۋە ئەيىبلەشتىن باشقىسى بولمىدى.
2-ئايدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا-روسىيە ئۇرۇشىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى تەشۋىش ۋە ئەيىبلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. روسىيەنىڭ بۇ رايونلارنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ب د ت قارارنى ماقۇللاپ ، 143 دۆلەتنىڭ ئاۋازى بىلەن پەقەت روسىيەنى ئەيىبلىدى.
- خۇلاسە
يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق ئاشكارا قىرغىنچىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق يىغىنىدا ناھايىتى ئەپسۇس قوللاشقا ئېرىشتى.
ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 1994-يىلدىكى رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش قىتئىلام يۈز بەرگەندە ھەرىكەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەندى.
1999-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇگوسلاۋىيەنى بومباردىمان قىلىشى كېڭەشنىڭ تەستىقىسىز ئېلىپ بېرىلدى.
قارار چىقىرىش جەريانى ۋە رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئاستا بولۇشى سەۋەبىدىن ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ياكى ئىتتىپاقلار ب د ت نىڭ ھەربىي ھەرىكەتكە ئىجازەت بەرمەي تۇرۇپ بەزىدە ھەرىكەت قوللىنىدۇ ، ئۇلار بۇنى قانۇنلۇق دەپ قارايدۇ.
ب د ت نىڭ سەرخىل دۆلەتلىرى بولغان خىتاي، فرانسىيە، روسىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ قارارى ۋە رەت قىلىش ھوقۇقى بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل دەپ قارالماقتا.