ئىلاۋە:
خىتاي خەلىقئارا تەتقىقات مەركىزى- خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىلىكىنىڭ كەسپىي تەتقىقات ئورنى بۇلۇپ، دەسلەپكى ھالىتى -1956 يىلى « خىتاي پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى» دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان. -2014 يىل -6 ئايدا، مەركىزىي ئورگان قۇرۇش كومېتىتى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى»غا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ماقالنى خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياۋرۇ-ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لىباۋباۋ تەييارلىغان بۇلۇپ، دۇنيا بىلىم نەشىرىياتى -2021يىل -6 ئاي نەشىر قىلغان « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغىنىنىڭ 20 يىللىقى: نەتىجە ۋە تەجرىبە» دېگەن كىتاپتىن پايدىلانغان.
بۇ ماقالىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانى، ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى، ئوتتورا ئاسىيادىكى تەسىرى، روسىيە ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا بولغان تۇنۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ، جۈمىلىدىن ئافغانىستان مەسىلىسى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» قارىتا سىياسەتلىرى يورۇتۇلغان.
قېرىنداشلارنىڭ ش ھ ت غا بولغان چۈشەنچىسىنى بېيىتىش مەقسىتىدە بۇ ماقالە تەرجىم قىلىندى.
تەكلىماكان تەشۋىقات مەركىزى
مۇھىم نۇقتىلار:
ش ھ ت (شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى) قۇرۇلغاندىن بۇيان، غەرب ئەللىرىنىڭ ش ھ ت غا نىسبەتەن تەتقىقاتى ئاددىيلىقتىن مۇكەممەلىككە تەرەققىي قىلدى، ش ھ ت غا بولغان تۇنىشىمۇ دەسلەپكى گۇمان ۋە دۈشمەنلىكتىن كۆپ خىللىق ۋە پىشىپ يېتىلىشقا قاراپ تەرققىي قىلدى. مەزكۇر ماقالە غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسىتى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئاكادىمىكلىرىنىڭ ش ھ ت غا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى رەتلەپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ش ھ ت نىڭ 20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ۋە مەسىلىسىنى، شۇنداقلا ش ھ ت نىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆز قاراشلىرى ئانالىز قىلىدۇ.
ش ھ ت ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم رايون خارەكتېرلىك تەشكىلات بۇلۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھىچقاچان غەرب ئەللىرى ئىستىراتىگىيەچىلىرىنىڭ نەزىردىن چەتنەپ باقمىدى. گەرچە دەسلەپكى نەچچە يىل جەريانىدا، غەرب ئەللىرى ش ھ ت غا نىسبەتەن كۆرىنەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن بولسىمۇ، بۇ تەشكىلات تەرەققىياتنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا بولغان تەتقىقاتى كۈنسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ش ھ ت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستىراتىگىيەلىك مەنپەئەت مەسىلىسىگە بولغان دىققەت ئىتىبارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
- غەرب ئەللىرىنىڭ ش ھ ت غا بولغان تەتقىقات جەريانى
غەرىبنىڭ سىياسى سەھنىسى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئاكادېمىكلىرى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر ئارقىلىق، غەرب ئەللىرىنىڭ ش ھ ت غا بولغان تەتقىقاتىنى تۆت باسقۇچقا بۆلگىلى بولىدۇ.
1) -2001يىلدىن -2004يىلىغىچە: كۆڭۈل بۆلىشى چەكلىك باسقۇچ
بۇ باسقۇچتا غەرب ئەللىرىنىڭ ش ھ ت غا كۆڭۈل بۆلىشى نىسبەتەن كەمچىل بولغان. ئامېرىكا ئاساسەن بۇ تەشكىلاتقا دىققەت قىلمىغان، بەك بولمىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتىگىيىسى تەكىتلەنگەندە قۇشۇمچە تىلغا ئېلىپ قويغان، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بولسا ئاساسەن ئىتىبارغا ئالمىغان، -11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا كىردى ۋە رايون خاراكتېرلىك رەھبەرلىك كۈچكە ئايلاندى. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ئاساسىدا تىكلەنگەن دەپ قاراپ، ش ھ ت غا ئەھميەت بەرمىگەن. ئامېرىكا پارلامېنىت تەتقىقات ئورنى) (CRSئوتتورا ئاسىيا ھەققىدىكى كۆپ قېتىملىق دوكىلاتىدا ش ھ ت نى ئاز تىلغا ئالغان، تەتقىقات ساھەسىدىمۇ بۇ تەشكىلاتنى ئىلمىي ماقالە ھالىتىدە تىلغا ئېلىپ باقمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا مەزكۇر تەشكىلاتنى ئوتتورا ئاسىيادىكى مەنپەئەتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدۇ دەپ قارىمىغان.-2002 يىلى ئامېرىكا مەشھۇر ئالىمى ئېلزابىت ۋىشنىك (Elizabeth Wishnick) ئامېرىكىنىڭ ئوتتورا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ھەققىدە توختالغان كىتابىدا:-« ش ھ ت نى رايون خاراكتېرلىك ئاجىز تەشكىلات، تېرورلۇققا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغاندىن باشقا ماھىيەتلىك رول ئوينىمىدى» دەپ قارىدى، -2004 ئامېرىكا تاشقى سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتورا ئاسىيا ئىسىتىراتىگىيىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇزۇن دوكىلاتىدا:-« ئامېرىكا خىتاي-روسىيەنىڭ ئوتتورا ئاسىيادىكى ھەركىتى، شۇنداقلا ش ھ ت نىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئايلىنىشىغا نىسبەتەن <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشى> ياكى <چوڭ كۈچ سىنىشىش> نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراشتىن ساقلىنىشنى تەكىتلەپلا قالماي، بەلكى ش ھ ت بىلەن تېخىمۇ بىۋاستە شەكىلدە ئۇچۇرىشىشى، خىتاي بىلەن ئوتتورا ئاسىيا ھەققىدە ئىجابىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دەپ قارىدى. تۇفتىس ئۇنىۋېرسىتېتى فلېتچېر ئىنستىتۇتى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور ژورنىلى Al Nakhlah دا:-« ش ھ ت نى غەرب بىرلەشمىسىگە قارىتا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قاراش ھاجەتسىزلىكى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان.چۈنكى ئوتتورا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىق كۆزىتىشقا ئاساسلانغاندا، ش ھ ت نىڭ بىرلىشىپ غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەنلىك قىلىش خىيالى ھەم ئىقتىدارى يوق دەپ قارىدى.
2) 2005-2008 يىلىغىچە: ش ھ ت غا بولغان گۇمان ۋە دۈشمەنلىك باسقۇچى
-2005 يىلى غەرب ئەللىرىنىڭ ش ھ ت غا نىسبەتەن كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىش نۇقتىسى. -2005 يىلى -7 ئايدا، ش ھ ت ئاستانا پىرىزدىنتلار ئۇچىرىشىش يىغىنىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتورا ئاسىيادىن چېكىنىپ چىقىش ۋاقت جەدىۋېلىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ ش ھ ت غا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. -11 ئايدا، ئامېرىكا ئۆزبىكىستاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىش غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ش ھ ت غا نىسبەتەن گۇمان قىلىش ۋە ئەيىبلەش نەزىرىدە قاراشقا باشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسىسىلىرى ش ھ ت نىڭ خارەكتېرى ھەم ئورنىغا نىسبەتەن گۇمان قىلىشقا باشلىدى. ھەمدە ش ھ ت غا «غەرىبكە قارشى تەشكىلات» ۋە «مۇستەبىت دۆلەتلەر كۇلۇبى» قاتارلىق ناملارنى بەردى. -2006يىلى -7ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيسى ئۇرۇش فاكولتېتى پىروففىسورى سىتىفىن بىلەنك (Stephen Blank) «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلىقئارا مۇناسىۋەت كومېتىتى ئوتتورا شەرق ۋە ئوتتورا ئاسىيا تارماق كومېتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىياسى كېڭەشتە ، خىتاي ۋە روسىيە ش ھ ت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكىغا قارشى رايون بېخەتەرلىك تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىشىنى پىلانلاپ كەلدى» دەپ قارىدى. خىتاي تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا ش ھ ت نى ئاسىيا بىخەتەرلىك ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. -8 ئايدا، ئامېرىكا ئەنئەنىۋى فوندى جەمىيتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىق تەتقىقاتچىسى ئارىئېل .كوخىن (Ariel Cohen) ئامېرىكا پارلامىنتى قارمىقىدىكى « خىتاي-ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومېتىتى» ئۆتكۈزگەن كېڭەشكە قاتناشقان. ئۇ يىغىندا «ش ھ ت نى خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى يېڭى تۈزىمىنى ئورۇنتۇشنىڭ ۋاستىسى بۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتورا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدلىقىنى كېمەيتىشىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېمكوراتىك قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى» دەپ ئوتتۇرغا قويدى. ئامېرىكا ئالىمى توماس. ئەمبىروسى (Thomas Ambrosio) «شاڭخەي روھى»غا نىسبەتەن ئانالىز ئېلىپ بارغان بۇلۇپ« مەزكۇر رايوندىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوغداش ئۈچۈن تەرتىپلەشكەن سېستىما قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان » دەپ قارىدى.
بۇ مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ش ھ ت غا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ياۋروپا ئالىملىرى ھەم ئوخشاشلا، -2005يىلى غەرب ئەللىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان تۇنۇشىنىڭ ئۆزگىرىش يىلى دەپ قارىدى. تېخىمۇ كۆپ ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، ش ھ ت غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتورا ئاسىيادىكى مەنپەئەتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ، ئاساسىي ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن:
بىرىنچى، ش ھ ت غەرىبكە قارشى بۇلۇپ، مەقسىتى ياۋرۇپا بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكىنى ئوتتورا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىش.
ئىككىنچى، ش ھ ت خىتاي-روسىيە يېتەكچىلىدىكى يېڭى ھەربىي گورۇھ شەكىللەندۈرۈش، شۇنداقلا غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتورا ئاسىيادىكى ئەسكىرى مەۋجۇتلىقىنى چەكلەش.
ئۈچىنچى، ش ھ ت دىكتاتورلار كۇلۇبىغا ئايلىنىپ بولدى، ئاساسىي ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىجان ۋەقەسىدە ئۆزبىكىستان ھۆكىمىتىنى قۇراللىق قوغدىشى ۋە ئىتتىپاق ئورۇنتىشى. -2007 يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ش ھ ت غا بولغان ئىستىرادىگىيىسىنى تونۇشتۇردى، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ش ھ ت غا كۈنسايىن كۆپىيىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئىچىدە ش ھ ت نىڭ ياۋروپا بىرلەشمىسىگە بولغان پايدا-زىيانلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ش ھ ت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىللەرگە نىسبەتەن كۆپ تەرەپلىمە مۇلاھىزە قىلىش ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ تۈردىكى قەتئىيلىق تۈسىنى ئالغان سەلبىي قاراشتىن سرت، بەزى مۇتەخەسسىلارنىڭ قارىشىچە ش ھ ت غەرىب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەت ساھەسىدە ھەمكارلىشالايدۇ دەپ قارىغان. -2006يىلى -9 ئايدا، كارنېگ خەلىقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورگىنىدىكى پېروففىسور مارزا ئولكوت (Martha Olcott) خېلسىنكى كومېتىتدا ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا:-« ش ھ ت ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئويغۇن ئەمەس، ئەمما ھەم ئۇنىڭغا توسالغۇ بۇلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ش ھ ت نى دېموكېراتىك بولمىغان دۆلەتلەر بىرلەشمىسى دەپ تەنقىد قىلىش ئاسان، ئەمما بۇ تەشكىلات ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېموكوراتىك دۆلەت بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر-بىرىگە باغلانمايدۇ. بىراق ئورتاق بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە تەھتىدى سەۋەبىدىن بىرلىككە كەلگەن» دەپ قارىدى.ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاسپىرانت فاكولتىتىدىكى جېفىرسون ئې.تورنىر (Jefferson E.Turner) -2005 يىلى ئېلان قىلغان «ش ھ ت تەشكىلاتى قەغەز يولۋاسمۇ ياكى كۈچلۈك تەشكىلاتمۇ؟» دېگەن باكلاۋېرلىق ئىلمىي ماقالىسىدە:-« ش ھ ت نى ھەرگىزمۇ خىتاي-روسىيە بىرلىشىپ ئامېرىكىغا قارشى قۇرۇلغان <مۇداپىئە تەشكىلاتى> دەپ قارلماسلىقىنى، تېخمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ بىر كونتىروللىقىنى يۇقاتقان تەشكىلات، ئامېرىكا ش ھ ت بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، يادرو قۇراللىرىنىڭ كېڭىيشىگە قارشى تۇرۇش ۋە رايوننىڭ مۇقۇملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەك» دەپ ئوتتورىغا قويغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئالىملارمۇ يەنە ش ھ ت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ش ھ ت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
3) -2009يىلدىن -2013 يىلغىچە: ش ھ ت غا قارىتا چۈشەنچىسى پېشىپ يېتىلگەن باسقۇچى
بۇ مەزگىلدە غەرىب ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئىلمىي ساھەلەرنىڭ ش ھ ت غا بولغان تەتقىقاتى بارا-بارا كېڭىيىپ ش ھ ت نىڭ تۈزۈم قۇرۇلمىسى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھالەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى، شۇنداقلا ش ھ ت نىڭ تەرەققىيات كەلگۈسى ۋە يۇلۇققان رىقابەت قاتارلىق ساھەلەرگىچە يېتىپ باردى. ھۆكۈمەت تەرەپتىن، ئوباما ھۆكىمىتى ش ھ ت غا نىسبەتەن دىپلوماتىيە سىياسىتى قوللانغان بۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق ش ھ ت نى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى مۇقۇملاشتۇرۇشتىكى چوڭ ئىستىرادىگىيە ھالقىسى قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ خىل تارىخىي كۆرۈنۈش ئاساسدا، ئامېرىكا ئالىملىرى ش ھ ت بىلەن ھەر خىل ھەمكارلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ئالىي تەتقىقات مەركىزى خىتاي تەتقىقات تارمىقىنىڭ مۇتەخەسىسى جېفرىي رېۋىس(Jeffrey Reeves) ئامېرىكا بىلەن ش ھ ت نىڭ ھەمكارلىقى ئۈچ جەھەتتىن نەپكە ئېرىشەلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى: بىرىنچى: ئافغانىستان ۋەزىيتىنى مۇقۇملاشقا پايدىلىق. ئىككىنچى: خىتاي- روسىيەنىڭ ئوتتورا ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت پىلانىنى بەربات قىلىش.ئۈچىنچى: تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىراننى چەكلەش. -2010يىلغا كەلگەندە ، ئوباما ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چەكلىك رولىنى ھېس قىلىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا قايتىپ كەلدى.
-2011 يىلى، برۇكىڭس ئورگىنى ش ھ ت نىڭ ئون يىللىقىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:-« ش ھ ت نىڭ ئىلگىرىكى <قەغەز يولۋاس> ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي رەقىبى دەپ تەسۋىرلەشنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا ئەمەس. ئۆتكەن ئون يىلدا ، دۇنيا ۋەزىيتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، ش ھ ت تەرەققىي قىلىپ ئىككىلى قاراشنىڭ تەڭپۇڭلىقىدىكى تەشكىلاتقا ئايلاندى. ش ھ ت تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشتىن باشقا يەنە باشقا دۆلەتلەر ۋە كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار بىلەن رەسمىي ۋە بىرەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ش ھ ت بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە سايلامنى نازارەت قىلىش قاتارلىق كونكرېت ساھەلەردە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، ش ھ ت خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ نىشانىدىكى ئوخشىماسلىق ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى جىددىيلىك ، ئارىلاشماسلىق سىياسىتى بىلەن رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە».
-2013 يىلى ، «ئاسىيا غا نەزەر»(Asia Survey) ژورنىلى ئۈچىنچى سانى داڭلىق ئالىملار يازغان ش ھ ت غا ئالاقىدار بەش پارچە ماقالە ئېلان قىلدى، ماقالىدە خىتاي ، روسىيە ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ش ھ ت غا بولغان كۆز قارىشى سىستېمىلىق رەتلەنگەن. ھەمدە ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ كۈچ سىنىشىش نۇقتىسىدىن خۇلاسە قىلىپ تەھلىل قىلدى. خۇلاسە شۇكى، ش ھ ت گەرچە ئەسكىرى ئىستىراتىگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون خاراكتېرلىك قاتناشقۇچى بولمىسىمۇ، (سەل قاراشقا بولمايدۇ) ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەر بىر قاتار مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى، بولۇپمۇ خىتاي-روسىيە مۇناسىۋەتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئوتتورا ئاسىيادىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچ سەۋىيەسىنى شۇنداقلا غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان سودا رىقابىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن ۋە ئاجىز سىياسىي رېئاللىقى سەۋەبىدىن ، ش ھ ت نىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى. شۇڭا، ش ھ ت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن يىراق.
بۇ مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار ش ھ ت رايون ھەمكارلىقى، ئەتىراپتىكى رايونلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە دىپلوماتىيەسىنى مۇستەھكەملەش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدى. خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پىروفېسسورى تېمو ناراجارۋې (Teemur Naarajrvi):-« خىتاي-روسىيە ش ھ ت رەھبەرلىرى ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئوخشىماسلىق ش ھ ت نىڭ تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ ئەتراپلىق رايون تەشكىلاتىغا ئايلىنىشىغا، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چوڭقۇر دەرىجىدە بىر گەۋدىلىشىشگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېدى. بېرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستىفېن ئىرىس (Stephen Aris) ئۇ« ش ھ ت غەربكە قارشى گورۇھ» ۋە «ش ھ ت نىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چەكلەيدۇ» دېگەن ئىككى قاراشنى رەت قىلدى. ئۇ:-« ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ۋە رايون ئىچىدىكى بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى ھەل قىلىش بۇلۇپ، گەرچە ش ھ ت نىڭ مېخانىزمى مۇكەممەل بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون قۇرۇلمىسى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دەپ قارىدى. ئۇ يەنە ش ھ ت ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلدى، ش ھ ت نىڭ ئەزالىقى ۋە تۈزۈملىشىش دەرىجىسى جەھەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدۇ. ئەمما ھەر ئىككى تەشكىلاتنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئوخشاشلىققا ئىگە، مەسىلەن: ئورتاق روھقا ئەھمىيەت بېرىش ، جانلىقلىق ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4) 2014 يىلدىن-2020 يىلغىچە: يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ش ھ ت غا ھۆكۈم قىلىش باسقۇچى
بۇ مەزگىلدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ش ھ ت غا ئەھمىيەت بېرىشى- ئاساسلىقى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىنكى رولىغا مەركەزلەشتى، خىتاينىڭ ش ھ ت غا رەھبەرلىك قىلىشى، قۇرۇپ چىقىشى ۋە ش ھ ت نىڭ كېڭىيىشى «بىر بەلۋاغ ، بىر يول» ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
-2015 يىلى ، ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ تور بېكىتى ش ھ ت نىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:-« ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مايىل، ئەمما ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىشەنچسىزلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن ئىستىراتىگىيەلىك سىياسەت شەكىللەندۈرۈشىنى چەكلەيدۇ. سىياسىي غەرەزنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى ش ھ ت ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك تۆھپە قوشالمىدى». ھىندىستان ئالىمى راج. شارما (Raj Kuamr Sharma) ش ھ ت نىڭ ئافغانىستاندىكى ئىستىقبالى ۋە يۇلۇققان خىرىسلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ، ش ھ ت نىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى رولى -2014 يىلدىن كېيىن كۈچىيىشى ناتايىن. بىر تەرەپتىن قارىغاندا ، روسىيە ئافغانىستاننى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) ئارقىلىق ئوتتورا ئاسىيا بىخەتەرلىك مەسىلسىنى ھەل قىلىشقا مايىل. يەنە بىر تەرەپتىن، ش ھ ت نىڭ ئافغانىستاننى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق رايون ھالقىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياكى باشقا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان مالىيە كۈچى كەمچىل. بۇنىڭدىن بۇرۇن، روسىيە مۇتەخەسىسى دىمىتىرى تېرنىن(Dmitri Trenin) ۋە ئالىكسى مالاشىنكو:-« ش ھ ت نىڭ مالىيە جەھەتتىكى توسالغۇلىرى ئۇنىڭ ئافغانىستاندا مۇھىم رول ئوينىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى» دەپ تەكىتلىدى.
«بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، غەربنىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي ساھاسىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيىتى، ش ھ ت غا رەھبەرلىك قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۇرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. شۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋەكىل خارەكتېرلىك تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى( U.S.—China Economic and Security Review Commission) ۋە ياۋروپا پارلامېنت تەتقىقات ئىشخانىسى (European Parliamentary Research Service, EPRS) قاتارلىقلار ئىلان قىلغان ئۈچ پارچە سىياسى تەھلىل ماقالىسى.
-2015يىلى -3 ئاي، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. جون خوپكىنس ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز تەتقىقات ئورگىنى ئورگان باشلىقى فىرىدىرىك ستار (Frederick Starr) يىغىندا:-« خىتاينىڭ <يېڭى يىپەك يولى> تەشەببۇسى ۋە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا قۇرۇقلۇق كارىدورى ئېچىش پىلانىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي كۈچ سىنىشىش خاراكتېرى بار. بۇ تەشەببۇس ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيەگە بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىپ ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي <جان تومۇرى> نى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىرچە ، غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتى خىتابنامە سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ ، بۇ يەردە ياخشى تەرتىپلەنگەن ئىستراتېگىيىمۇ ، ماس ئىستراتېگىيىسىمۇ يوق. ئەگەر غەرب ھۆكۈمەتلىرى يېڭى پىلانلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ خىتاي-ياۋروپا كارىدورىدىكى <يۇمشاق> ئۇل-ئەسلىھەلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ ئەشيا ئوبوروتى ، سۇغۇرتا ، مېھمانساراي ، يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى كونتىرول قىلمىسا، ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن <تەڭپۇڭلۇق> ئىستراتېگىيىسى <ئەخمەقلارنىڭ ئارزۇسى>غا ئايلىنىدۇ-دە، ئوتتۇرا ئاسىيامۇ خىتاي ۋە روسىيەنىڭ قولىدا بولىدۇ» دىگەنلەرنى ئوتتۇرۇغا قويدى.
-2015يىلى -6 ئايدا، ياۋروپا ئالىمى گسرا.گىرىگىر(Gisela Grieger) « خىتاينىڭ ش ھ ت دىكى باشلامچىلىق رولى» ناملىق قىسقىچە سىياسى ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇئايال مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:-« ش ھ ت ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى ۋە بىر تەرەپلىمىلىكىنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئەمەس ، بەلكى خىتاينىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ش ھ ت قۇرۇلغاندىن بۇيان ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك كۈن تەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىخەتەرلىك ، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا كەلتۈردى. خىتاي ش ھ ت نى كۆپ تەرەپلىمە سەھنە قىلىپ ، غەربىي رايون چېگراسىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان غەيرى دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇردى ۋە خىتاي-روسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ئوتتۇرا ئاسىيادا پۇختا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاساس سالدى، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى».
-2020 يىلى ، ئامېرىكا ئالىملىرى «ش ھ ت: خىتاينىڭ كۈچ كۆرسىتىش سىناق مەيدانى» ناملىق ئۇزۇن دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:-« يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خىتاي ش ھ ت دىن پايدىلىنىپ چېگرادىن ھالقىپ كۈچ كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بىر تەرەپتىن ، ش ھ ت نىڭ ھەربىي مانېۋىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ چەتئەلدە، ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا قارشى جەڭ قىلىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۆزگىچە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ، خىتاي ش ھ ت دىن پايدىلىنىپ دىپلوماتىك كۈچ كۆرسىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەرنى ئورۇنلىدى. ھازىر ، خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن: تاجىكىستاندىكى ھەربىي قاراۋۇللار ئارقىلىق خىتاي-تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدا تېرورلۇققا قارشى چارلاش ئېلىپ بېرىش. كەلگۈسىدە ، خىتاي بۇ تەدبىرلەرنى كۆچۈرۈپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىتىشى مۇمكىن».
ش ھ ت نىڭ كېڭىيىش مەسىلسىگە قارىتا ، غەرب ئالىملىرى بىر قانچە تەرەپتىن بۇ مەسىلىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلدى.
كېڭىيىش مۇددىئاسى مەسىلىسىدە ، نۇرغۇن ئالىملار روسىيەنىڭ كېڭىيىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەقسەتى خىتاينىڭ ش ھ ت غا بولغان تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بۇنىڭ ئىچىدە ، كارنىگى موسكۋا مەركىزى ئوبزور ئېلان قىلىپ ، خىتاينىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ ، تەشكىلاتنىڭ كېڭىيىشىنى قوبۇل قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىدى.
بىرىنچى ، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئاساسلىق ئىككى تەرەپلىك يوللار ئارقىلىق ئالاقە قىلالايدۇ.
ئىككىنچىدىن ، ش ھ ت غا سېلىشتۇرغاندا ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇغراپىيىلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق.
ئۈچىنچىسى ، خىتاينى مەركەز قىلغان كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ (مەسىلەن : ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى AIIB ) تەسىس قىلىنىشى ش ھ ت غا بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلەتتى.
ش ھ ت نىڭ كېڭىيىشىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە پايدىسىز تەرەپلىرى توغرىسىدا غەرب ئالىملىرى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئالېكساندىر كولى(Alexander Cooley) كېڭىيىش ش ھ ت نى «سىمۋوللۇق تەشكىلاتقا ئايلاندۇرىدۇ ، رايوننى ماھىيەتلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ياكى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشكىلات ئەمەس» دەپ قارىدى.
پائۇل سترونسكىي ۋە رىچارد سوكولسكىي(Paul Stronski and Richard Sokolsky) مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:-« ش ھ ت نىڭ كېڭىيىشى بۇ تەشكىلاتىنىڭ بازارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە ۋە ئافغانىستان مەسىلسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون بىخەتەرلىك مەسىلسىنى تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئەمما ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى ش ھ ت نىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار دىپلوماتىيە كېڭىشى مۇتەخەسسىسلىرى ۋىليام پىيكوس(William Piekos) ۋە ئېلىزابېت ئوكونومىي(Elizabeth C. Economy):-«كېڭىيىش – ش ھ ت نىڭ قارار چىقىرىش ۋە ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلسىمۇ ، ئەمما ش ھ ت غا ئاسىيانىڭ تېخىمۇ كەڭ رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋە بىرلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ ئەتراپلىق ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ قارىدى.
- ش ھ ت نىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى باھالاش
ش ھ ت قۇرۇلۇشنىڭ دەسلىپىدە ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتىنى چۈشىنىشى ۋە ئورۇن بەلگىلىشى تېخى ئېنىق ئەمەس بۇلۇپ، ئۇلار بۇ تەشكىلاتنى جۇغراپىيىلىك سىياسىي قارشىلىشىش نۇقتىسىدىن ئىزاھلاشقا مايىل بولغان.
20 يىللىق تەھلىل ۋە تەتقىقاتتىن كېيىن ، غەرب دۆلەتلىرى ش ھ ت نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن بىر قاتار خىرىسلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەندى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، كۆپىنچە غەرب ئالىملىرى ش ھ ت ئۆتكەن 20 يىلدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ، ئۇ ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىدى ، ئەمما بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى بىرلىشىش ئانچە كۆپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى ۋە ئۇنىڭ تاشقى تەسىرى بىر قەدەر چەكلىك بولدى دەپ قارايدۇ.
1) رايون ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغان رايون ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش.
ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ، ئىقتىسادىي كۈچ ، دىپلوماتىك يۆنىلىش ، دىنىي مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتىكى كۆپ خىللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ش ھ ت قوللانغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسىگە يېقىن بولۇپ ، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىنى، شۇنداقلا ئورتاق تونۇشنى ئاساس قىلغان تەدبىر بەلگىلەش تەشەببۇس قىلىندى.
«شاڭخەي روھى» ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ۋە ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئەزا دۆلەتلەرگە ماس كېلىدىغان ، ئېھتىياتچان ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ش ھ ت قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، تەشكىلات خىتاي ۋە روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتىنى كونترول قىلىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم سەھنە رولىنى ئوينىدى.
قانداقلا بولمىسۇن ، ئەزا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ جانلىقلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ، ش ھ ت نىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە مۆلچەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيىسىگە يىتىشى تەس.
2) بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ ، ئەمما ھەمكارلىقنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى يۇقىرى ئەمەس. ش ھ ت قۇرۇلغاندىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» گە قارشى تۇرۇش ئەزەلدىن ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ كەلدى.
-2004 يىلى قۇرۇلغان رايونلۇق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى (RATS) دۆلەت ھالقىغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇش ، ئاخباراتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتا پايدىلىق رول ئوينىدى.
لېكىن ، غەرب تەتقىقاتچىلىرى ش ھ ت نىڭ رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى قوزغىتىشتا كۆرىنەرلىك رول ئوينايدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى. غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇس قىلغۇچىلىرى ش ھ ت نىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە بولغان مۈجىمەل چۈشەنچىسىنى تەنقىد قىلدى ، بۇ قارا تىزىملىكتە ھازىرقى ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇندىن باشقا ، تېرورلۇق قارا تىزىملىكى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ تۈزۈپ چىقىش ئۆلچىمىگە قارىتا ئېنىقلىقى يېتەرلىك ئەمەس. بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى سەرخىللارنى دۆلەت ئىچى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش قورالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
-2000 يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ، ش ھ ت رايون مۇقىملىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە رايون بىخەتەرلىكى تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان يۇشۇرۇن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كىرزىسنى قانداق ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ، ش ھ ت- تەشكىللىك جىنايەت ، قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي نامراتلىق ، سايلامنى نازارەت قىلىش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تور تېرورلۇقىغا تاقابىل تۇرۇشنى تەدرىجىي كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزدى.
ش ھ ت يەنە ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا ، قەرەللىك ھالدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ. مانېۋىر ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەر ئەمەلىي جەڭ تاكتىكىسى مەشىق قىلىش ۋە قورال ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي ، يەنە باشقا دۆلەتلەردىن ھەربىي تېخنىكا ۋە مەشغۇلات قىلىشقا پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئۆگەندى.
ئەمما ، بەزى ئالىملار بۇ مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ياكى تاكتىكىلىق سەۋىيىدە ئەسكىرى بىردەكلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ش ھ ت يولغا قويغان «ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى» رايون كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىن چەكلەيدۇ. -2010 يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتىن كېيىن ، ش ھ ت نىڭ ھەرىكەتسىزلىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كەڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
3) ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولۇپ ، بىر گەۋدىلىشىش زور قارشىلىققا ئۇچرىدى. ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىق سەل كېيىن باشلانغان.-2003 يىلى ش ھ ت كۆپ تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنىڭ پىلانىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە پۇل-مۇئامىلە ، سودا ، ئۇل-ئەسلىھە ، تېلېگراف ، دېھقانچىلىق ، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەرگە چېتىشلىق 100 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى بېكىتتى.
بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، ش ھ ت سانائەتچىلەر كېڭىشى ۋە بانكىلار بىرلەشمىسىنى قۇردى. ھازىرغا قەدەر ، بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پىلانلانغان نۇرغۇن تۈرلەر ئىجىرا قىلىنمىدى. -2006 يىللىق ش ھ ت دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ، پۇتىن «ش ھ ت ئېنىرگىيە كۇلۇبى» قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېنېرگىيە بازىرىنى تەرتىپلەش ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئورتاق ئېچىش ۋە تۇرۇبا يولى تۈرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ، بۇ ئىدىيە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن تەدرىجىي سۇسلاشتى.
ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئېچىۋېتىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ش ھ ت نىڭ رامكىسى ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىشى غايەت زور قارشىلىققا ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ ش ھ ت نىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئويلىغانلىرىدىن بىرى باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجىنى تەدرىجىي چىقىرىپ تاشلاپ ، دۆلەت ئىچى سانائىتى ئۈچۈن يېڭى بازار ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇش.
بۇنىڭ ئۈچۈن ، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەرەللىك قەرز بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ش ھ ت ئەركىن سودا رايونى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇش تەشەببۇسى ناھايىتى بالدۇر ئوتتۇرىغا قويدى. روسىيە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي كۈچنىڭ پەرقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەشەببۇسىنى قوللاشنى خالىمىدى.
بىر تەرەپتىن ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتايدىن كۆپ مىقداردا قەرزىگە ئېرىشىشى- ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان كونتروللۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى بوشاتقاندا، خىتاي مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ جەمئىيەت ئىقتىساد مەسىلسىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. شۇڭلاشقا ، تاموژنا بېجى توسىقىنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئانچە ئاكتىپ ئەمەس.
4) تاشقى پېرېۋوت قاتلاملىق ، ئەمما تەسىرى بىر قەدەر چەكلىك. ئۇزۇندىن بۇيان ، غەرب ئالىملىرىنىڭ ش ھ ت غا بولغان تەنقىدى كۆپەيدى ، چۈنكى خىتاي بىلەن روسىيە ئۇنى غەربكە قارشى «يۇمشاق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» قورالى قىلىپ كەلدى. ش ھ ت بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت قائىدىسى ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق رايون مەسىللىرى توغرىسىدا جىددىيلىك مەۋجۇت.
ئەمما ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ، ش ھ ت غەرب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تەدرىجىي ھالدا بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياۋروپالىق ئالىم ستىفېن ئارىس(Stephen Aries) مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:-« ش ھ ت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىقتىسادىي ۋە ئىدىيىۋى سىڭىپ كىرىشىنى داۋاملىق چەكلەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇ غەرب بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى يوققا چىقارمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، ياۋرو-ئاسىيا سىرتىدىكى رايون ۋە دۇنياۋى ھەمكارلىق ئۈچۈن كەڭ ئىتتىپاق ئىزدەيدۇ.
ئۇ ئاساسلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ، مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى ، CSTO(ئورتاق بىخەتەرلىك شەرتنامە تەشكىلاتى) ، APEC(ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق فوندى) ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما ھازىر ش ھ ت نىڭ تەسىرى ئاساسلىقى ياۋرو-ئاسىيا رايونىدا بولۇپ رولى بىر قەدەر چەكلىك». - ش ھ ت نىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان كۆز قاراش
ھازىر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ش ھ ت نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئۈچ خىل كۆز قارىشى بار.
بىرىنچى خىل قاراش: بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ش ھ ت ياۋرو-ئاسىيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قانچە مۇھىم رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ش ھ ت ئەزا دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ئافغانىستان ، سۈرىيە ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ئاشۇردى. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايونلۇق بىخەتەرلىك ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ش ھ ت داۋاملىق تۈردە شېرىك ئىزدەپ ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ.
غەربنىڭ سىياسى ساھەسىمۇ ش ھ ت غا بولغان دىققىتى ۋە تەتقىقاتىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ، خىتاينىڭ ش ھ ت دىن داۋاملىق پايدىلىنىپ كۈن تەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ش ھ ت نى خەلقئارالىق ئىشلارغا قاتنىشىش ۋە شەكىللەندۈرۈشنىڭ قورالى قىلىش ئارقىلىق دۇنياۋى رەھبەرلىككە يېتىپ، ھازىرقى خەلقئارا ئۆلچەم ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلماقتا.
ئىككىنچى خىل قاراش: ش ھ ت نىڭ ئىستىقبالىغا سەل قارش. ش ھ ت رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە رايون تەشكىلاتىغا ئايلانمىدى ، شۇنداقلا «جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئىنقىلاب» قوزغىمىدى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا ھەددىدىن زىيادە ۋەدە بېرىلگەن ۋە يەتكۈزۈلمىگەن. ش ھ ت نىڭ ئەڭ ئەۋۋلقى نىشانىغا يېتەلىشىنى، بۇلۇپمۇ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» گە قارشى تۇرۇشتىكى ئەسلى مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.
ش ھ ت كەلگۈسىدە داۋاملىق زەھەرلىك چېكىملىككە ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىللەردە پايدىسىز رول ئوينايدۇ.
يەنە بەزى ئالىملار بۇ ئىككى خىل قارشنىڭ ئوتتورىسىدا بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قارشىچە، ش ھ ت نىڭ رولىنى بەك چوڭ بېلىۋىلىشقا بولمايدۇ، ھەم «پاراڭلىشىش زالى» دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر تۆۋەندىكى خىرىسلار ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنسا ، ش ھ ت رايون ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولچىغا ئايلىنىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار.
1) ھەمكارلىق كۈن تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويالامدۇ-يوق؟ ش ھ ت دۇچ كەلگەن ئاساسلىق خىرىسلارنىڭ بىرى ، جاكارلىغان تۈرلۈك كېلىشىم ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلالماسلىق.
دۆلەت ئاتلىغان ھوقۇق كەمچىل بولغانلىقتىن ، ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىمنى يولغا قويۇشىغا قەتئىيلىك بىلەن تۈرتكە بولىدىغان زۆرۈر ۋاسىتىلەر كەمچىل. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ش ھ ت كېلىشىمىنى تەكشۈرۈش ، تەستىقلاش ۋە ئىمزا قويۇشقا ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى بىلەن بۇ مەسىلە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. بۇنىڭدىن باشقا ، ش ھ ت تەرەققىيات فوندى قۇرۇش تەكلىپى ئۇزۇن يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ، ش ھ ت نىڭ ئۆز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى چەكلەنگەن.
2) خىتاي بىلەن روسىيە ش ھ ت نىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىكى پەرقىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالامدۇ-يوق؟ چۈنكى، خىتاي بىلەن روسىيە رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە.
لېكىن ، ئىككى تەرەپنىڭ ش ھ ت غا بولغان كۆز قارىشىدا زور پەرق بار. روسىيەنىڭ ش ھ ت غا مەبلەغ سېلىش ئىستىكى ، ئېنېرگىيەسى ۋە بايلىقى خىتايدىن كۆپ تۆۋەن.
روسىيەگە نىسبەتەن ، ش ھ ت نىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇش خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى چەكلەشكە ياردەم بېرىدۇ.
بۇ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ ، بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ تەخىرسىز.
ئېنېرگىيە ، ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ، خىتاي ش ھ ت رامكىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئەمما بۇ تەشەببۇس رۇسىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. گەرچە ش ھ ت غا قاراتقان سىياسەتتىكى پەرق ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولسىمۇ ، ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كىيىن تېخمۇ كېڭەيدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى رىقابەت ش ھ ت نىڭ ھەمكارلىق دائىرىسىنى چەكلەيدۇ.
3) باشقا رايون تەشكىلاتلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ماسلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟
ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەر يەنە CSTO(ئورتاق بىخەتەرلىك شەرتنامە تەشكىلاتى) ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى.
بۇ ئىككى تەشكىلات ش ھ ت نىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە رول ئوينايدىغان بوشلىقىنى چەكلەيدۇ.
«بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات فۇنكسىيەسىنى بۇ رامكىغا يۆتكىدى ، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. ش ھ ت نىڭ مۇھىملىقىمۇ تۆۋەنلىدى.
ھازىر ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئىككى تەرەپلىك ياكى ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىملەرمۇ ش ھ ت دەپ بەلگە قويۇلغان ، ئەمما ش ھ ت بۇ تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ئاساسەن ھېچقانداق رول ئوينىمىغان.
باشقا رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ش ھ ت ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپە.
4) ئارىلاشماسلىق سىياسىتى بىلەن رايون مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئىلگىرى رايون كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ش ھ ت بايانات ئېلان قىلىشتىن باشقا ئىش قىلالمىدى.
بۇ ش ھ ت ئىزچىل يولغا قويغان ئارىلاشماسلىق سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ.
ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ش ھ ت كىرزىس يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك تەرەپتىكى ئىقتىدارىنى جارى قىلالامدۇ-يوق؟ ئىزدىنىشى كېرەك.
بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئېھتىياجى ۋە ش ھ ت رايون ئىشلىرىدىكى رولى ۋە تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش-ئاشۇرماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ش ھ ت ئافغانىستان مەسىلىسى ۋە رايون كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۆھپە قوشالىسا ، غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.