تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي باشبەتتەۋسىيەئۇكرائىنا پرېزدېنتى: پۇتىن ئۈچىنچى قېتىم چېكىندى

ئۇكرائىنا پرېزدېنتى: پۇتىن ئۈچىنچى قېتىم چېكىندى

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2022-11-19
Share 1FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.5K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • پاكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلغان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان ئومۇمىي سايلامدا مىللەت ۋەكىلى كاندىداتى بولىدۇ
    2023-12-21
  • ئەسەد بىلەن پۇتىن موسكۋادا كۆرۈشتى
    2023-03-15
  • گېرمانىيە-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا «ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى» بارلىققا كەلدى
    2023-09-30
  • قەسسام بىرىگادىسى: بىز يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ 15 ھەربىي ماشىنىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردۇق
    2023-11-08
  • پولشا: بىز ئۇكرائىناغا كۈرەشچى ئايروپىلان بېرەلەيمىز
    2023-03-15
  • ئامېرىكىنىڭ يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن ئۇچۇش ئېلىپ باردى
    2023-03-12

مەنبە: Şarku’l Avsat
تەھلىل

21-ئەسىردە، دۇنيادىكى ئەڭ تەجرىبىلىك ئىستراتېگىيىلىك رولچىلارنىڭ بىرى دەپ تەسۋىرلەنگەن، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۈچىنچى قېتىم خېرسوندىن چېكىنىشكە قوشۇلۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. روسىيە دەسلەپتە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنى كونترول قىلالماي كۈچنىڭ خورىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىيېۋ شەھەر ئەتىراپىدىن چېكىندى. بۇ چېكىنىش ئۇكرائىنانىڭ روسىيە ئارمىيىسىگە قاراتقان ھەربىي بېسىمى سەۋەبىدىن «مەجبۇرىي چېكىنىش» دەپ قارالدى.

روسىيە ئارمىيىسىنىڭ خاركىۋدىن چېكىنىشى ئىككىنچى قېتىم چېكىنىش بولدى. ئەمما بۇ ئىككى چېكىنىشنىڭ پەرقى بار. روسىيە ئارمىيىسى پايتەخت كىيېۋ ئەتراپىدا پارتىزانلىق ئۇسلۇبىدا جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇم ھالەتتە ئىدى. خاركىۋدىكى چېكىنىش جەريانىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان روسىيە ئارمىيىسىگە «چاقماق ھۇجۇمى» قوزغىدى. ئىككىنچى قېتىملىق چېكىنىشتە، ئۇكرائىنا تەخمىنەن 8000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىننى يۈزلىگەن ھەربىي ماشىنىلار بىلەن قۇشۇپ كونترول قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيادىكى ئارمىيەلەرنىڭ ئىچىدە ھەربىي كۈچى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان روسىيە ئارمىيىسى «ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىشتا  «جەڭ ئارمىيىسى» سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويدى.

روسىيەنىڭ دينىپرو دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن چېكىنىش قارارى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئۇكىرائىنا زېمىنىدىكى ئەڭ مۇھىم سەپتە ئۈچىنچى قېتىم چېكىنىشى ھېساپلىنىدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن؟

بىرىنچى، ئۇكرائىنا سەھنىسىدە:

ئەسلىدە، ھەربىي قوماندان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. قوماندان تەكلىپ بېرىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قوشۇلدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، پرېزىدېنت پۇتىن  بۇنداق قىلغىنى  يوق. ھالبۇكى ، تاكتىكا مەسىلىسىگە قەدەر، ئۇرۇشنىڭ ھەممە يېرىگە ئارىلاشقان كىشى ئۇ ئىدى. ئۇ دەل مارىيپولدىكى جەڭ جەريانىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىغا ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى ئازوۋستال پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنى قامال قىلىشقا بۇيرۇغان، شۇنداقلا روسىيە ئارمىيىسىنى لۇخانسك شەھىرىدىكى لىچىنسك رايونى قولدىن كەتكەندىن كېيىن تاكتىكىلىق توختىتىشقا بۇيرۇغان كىشى ھەم ئۇ ئىدى.

ئىككىنچى، مەشغۇلات شارائىتى:

روسىيە ئارمىيىسى پۇتىننىڭ پرېزىدېنت پەرمانى بىلەن قوشۇۋالغان رايوننىڭ بىرى دەپ قارالغان خېرسوندىن چېكىنىپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، 9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنى كونترول قىلدى. ئەگەر روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقى دەريانىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەبىئىي توساقلىق رولىدىن پايدىلانغان  بولسا، ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى تۇسۇپ قالالىغان بولار ئىدى. دەريا، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئىككى چوڭ نىشانى بولغان مىكولايېۋ ۋە ئودېسسا شەھەرلىرىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن خېرسوننى كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ خېرسون شەھىرىگە كىرىشى بىلەن، روسىيە ئارمىيىسى كونترول قىلغان رايونلار HIMARS باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچىرىدى.  بۇ سەۋەبتىن، روسىيە مەيلى دۈشمەنگە قارشى نۇقتىلىرى ياكى قوماندانلىق قىلىش مەركەزلىرى ۋەياكى ئوق دورا ئىسكىلاتىلىرى بولسۇن ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، روسىيە ئارمىيىسى بارلىق كۈچ مەركەزلىرىنى دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە HIMARS باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ 80 كىلومىتىرلىق زەربە دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ.

       بۇ چېكىنىش رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ دەريانىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۇرالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ رايونغا ئورۇنلاشقان روسىيە قىسىملىرى يەكلىنىپ قالغانلىقتىن، دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقىغا چېكىنىپ،  بارلىق كىرىش يوللىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى تاللىدى. بۇ يەردىن چېكىنىش قارارى ئۇرۇشنىڭ ئىككى پرىنسىپى يەنى «ھەربىي بىخەتەرلىك» ۋە «كۈچىنى ساقلاش» جەھەتتىن، توغرا قارار دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ «چېكىنىش» نېمىلەرنى مەقسەت قىلغان؟ پرېزىدېنت پۇتىن «مەخپىي پىلان»نى يوشۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، كېيىنكى باسقۇچتا تۆۋەندىكى قەدەملەر تاشلىنىشى مۇمكىن:

* قىسىملارنى قايتا تەشكىللەش – سەپلەش ۋە يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەشنى تاماملاش.

* قىش پەسلىنىڭ ئۆتۈشىنى ساقلاش ۋە تۈگىگەن قورال زاپىسىنى يېڭىلاشقا ئۇرۇنۇش. بولمىسا، روسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى نىكولاي پاتروشېفنىڭ ئىراننى زىيارەت قىلىشى ھەمدە ئۇ يەردىكى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىشىدە يەنە نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟

* بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى بەلگىلەش.

بۇ مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىلەر بولۇشى مۇمكىن:

 1- ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ شەرىقتىكى سۋاتوف ۋە كرېمېنا شەھەرلىرىنى قايتىدىن كونترول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى بروۋنىك لەشكىرى (دىۋىزىيسى) نىڭ سۋاتوف ۋە كرىمېنا شەھەرلىرىنى قوغداشى زۆرۈر.

 2- پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان پۈتكۈل دونباس رايونىنى رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىغا- ئېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، دونېتسىكنىڭ باخمۇت رايونىنى ئىگىلەش، سىلاۋىيانسك ۋە كراماتېرسك شەھەرلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ كىرىش ئېغىزى بولالايدۇ.

3- روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زاپورجىيا رايونىدىكى قۇرۇقلۇق لىنىيىسىنى، بولۇپمۇ رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم شەھىرى مىليتوپولنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، ئەگەر بۇ كونتروللۇق ئۇكرائىنا ئارمىيىسىگە ئۆتۈپ كەتسە، قىرىمنىڭ دونباس بىلەن روسىيەنى تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق يولى خەتەر ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن.

4-قىش پەسلى ئارمىيەنىڭ قوماندانلىق  شىتابىغا ئىككى مۇھىم پۇرسەت ئاتا قىلالايدۇ.

 بۇلارنىڭ بىرىنچىسى: دىپلوماتىيە ئىشىكىنى ئېچىش. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ ئېھتىماللىق ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. ئىككىنچى : ھەقىقىي چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش پۇرسىتى.

* بۇ تەھلىلنى ئوتتورا شەرق (Şarku’l Avsat) گېزىتى  ھەربىي ئانالىزچىسى قىلغان.

ئۇكرائىنا-روسىيە-ئۈچ-قېتىم-چېكىندىDownload

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • پاكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلغان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان ئومۇمىي سايلامدا مىللەت ۋەكىلى كاندىداتى بولىدۇ
    2023-12-21
  • ئەسەد بىلەن پۇتىن موسكۋادا كۆرۈشتى
    2023-03-15
  • گېرمانىيە-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا «ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى» بارلىققا كەلدى
    2023-09-30
  • قەسسام بىرىگادىسى: بىز يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ 15 ھەربىي ماشىنىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردۇق
    2023-11-08
  • پولشا: بىز ئۇكرائىناغا كۈرەشچى ئايروپىلان بېرەلەيمىز
    2023-03-15
  • ئامېرىكىنىڭ يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن ئۇچۇش ئېلىپ باردى
    2023-03-12
ئامېىرىكاخاركېيىۋخېرسونروسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىياۋروپا
Share 1 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ نەتىجىسى «دىئاگرامما»
كېيىنكى يازما
تۈركىيە جۇمھۇرىيىنىڭ 100-يىلىدا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ كۈچ كۆرسىتىشى «دىئاگرامما»

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئوق-دورا تەمىنلەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئول ئەسلىھەلىرى توختىماي ھۇجۇمغا ئۇچۇرماقتا

روسىيە: بىز ئۇكرائىناغا كەلگەن بارلىق فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىمىز

روسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «Dynamic Manta 2024» مانېۋىرى...

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى «رافاھ پىلانى» نى ئۇرۇش كابىنېتىغا سۇندى

ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن روسىيەگە قارىتا يېڭى جازا...

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن سايلام پائالىيىتىنى TikTok غا يۆتكىدى

خاماس: ئەگەر رافاھ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • 5

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش