قەھىرتان (-1ئاي) نىڭ -11كۈنى، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، ئۆزى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان، رۇسىيەدىكى يادرو چامادانى كۆتەرگۈچى ئۈچ كىشىنىڭ بىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شتاب باشلىقى گېنېرال گېراسىموفنى، ئاران ئۈچ ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن، رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان يەنە بىر گېنېرال سېرگېي سۇروۋىكىندىن قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ ھەيران قالارلىق قارار چىقاردى.
مۇسكىۋا قارار، ئىجرا قىلىش زۆرۈر ۋەزىپىلەرنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئارمىيە قۇرۇلمىسىدا ئەڭ زور ئۈنۈم يارتىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن ئېلىندى دەپ سەۋەپ كۆرسەتتى. ئاندىن كىيىنلا گېراسموف، غەرىپنىڭ ئۇرۇشنى رۇسىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، روس ئارمىيەسىنىڭ ھالىتىنى مۇداپىئەدىن يېڭىدىن ھۇجۇم ھالىتىگە ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.
گېراسموف كىم؟
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر گېراسىموفنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى، مىجەز-خاراكتىرى، ھەربىي ئىدىيىسىنى ۋە كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ ھەتتا، ئاكادېمىك سېيىت جونېس ئۇنى، رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەتلەردىن سىرىت، ئامېرىكىنىڭ ئون نەچچە ھەربىي، دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتكە ئاساسلانغان تۈزۈپ چىققان «ئۈچ خەتەرلىك شەخس» ناملىق كىتابتا، «فيلق القدس» نىڭ قوماندانى قاسىم سولايمانى ۋە خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۈشيا بىلەن بىر ئورۇنغا قويدى.
جونېسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ۋالېرىي گېراسىموف -1955يىلى -9ئاينىڭ -8كۈنى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان تاتارىستاننىڭ پايتەختى بولغان، موسكۋانىڭ شەرقىگە 450 ئىنگلىز مىلى (725 كىلومىتىر) كېلىدىغان، چارپادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشتىن ھەمدە كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىشتىن ئىلگىرى موڭغۇل ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ھىسابلىنىدىغان قازان شەھىرىدە تۇغۇلغان.
-1941 يىلى گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ستالىن گېرمانىيە ئۇرۇش زەربىسىدىن قېچىپ، نۇرغۇن سوۋېت ئىتتىپاقى زاۋۇتلىرىنى قازانغا يۆتكىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي ھەربىي سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. گېراسىموف بالا ۋاقىتلىرىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تانكا قۇشۇنىغا قۇماندانلىق قىلغان تاغىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 15 تېشىدا قازاندىكى ھەربىي مەكتەپكە كىرگەن. ئۇ سەپداشلىرى ئارىسىدا ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىلارغا ئائىت كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغانلىقى، شۇنداقلا خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە مەكتەپتىكى ئەڭ رەھىمسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىگە، مەسخىرە يۈزىسىدىن، تەبرىك كارتىسى ئەۋەتكەن.
-1977 يىلى، گېراسىموف قازاندىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تانكا قوماندانلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ پولشاغا ئەۋەتىلدى ۋە تانكا بايرىقىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ يەردە، موسكۋا قوللىغان پولشا ھۆكۈمىتىگە قارشى غەرب قوللىغان «ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتى» ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك كەيپىياتىغا يېقىندىن ھازىر بولۇپ، تۇنجى تۇقۇنۇش تەجىربىسىنى باشتىن كەچۈردى.
پولشادىن كېيىن، گېراسىموف موسكۋادىن 5000 ئىنگلىز مىلى (8000 كىلومىتىر) يىراقلىقتىكى ياپونىيەگە يېقىن روسىيە شەرقىي ھەربىي رايونىغا يۆتكەلدى ۋە ئۇ يەردىن -1984يىلى برونېۋىك ۋە ماشىنىلاشقان قىسىملارغا قۇماندانلىق قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ۋارشاۋا شەرتنامىسىدىكى ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەيدىغان مالىنوۋىسكىي برونىۋىك ئاكادېمىيىسىگە 3 يىل قاتناشقان. بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىكى سوۋېت قىرغىنچىلىقىغا ئارلىشىپ قېلىشتىن قۇتۇلغان.
مالىنوۋىسكىي ئاكادېمىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېستونىيەدە خىزمەت قىلغان. ئۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا شاھىت بولغان ۋە -1993يىلى ئېستونىيەدىكى روس لەشكەر (دىۋىزىيىە) قوماندانى بولۇش ئۈچۈن ئۆستۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئېستونىيە مۇستەقىل بولۇپ، روس قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن قىسىملىرى بىلەن بىرگە روسىيەگە قايتىپ كەلگەن. ھەتتا شۇ ۋاقىتقىچە گېراسىموف ھەقىقىي جەڭ قىلىپ باقمىغان.
چېچىنىيەدىكى تۇنجى ئەمەلىي جەڭ
بىرىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى بىلەن (1994-1996)، گېراسىموف يېڭى تۇغۇلغان دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان روسىيە قىسىملىرى دائىرسىدە ئەۋەتىلدى. ئۇ يەردە ئۇ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ چۈشكۈنلىكى، ئەسكەرلەردە ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارىنىڭ كەڭرى تارقانلىقى، مەشىقلىنىشىنڭ ئاجىزلىقى ۋە رەھبەرلىكنىڭ چۇۋالچاقلىقىغا نەق مەيداندىن شاھىد بولدى.
گېراسىموف سەپداشلىرى ئىچىدە قەيسەرلىكى بىلەن تونۇلغان. چېچەن ئۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىغا شاھىت بولغان -2000يىلى ئۇ شىمالىي كاۋكاز ھەربىي رايونى ئەللىك سەككىزىنچى ئارمىيە باش شتاب باشلىقى بولغان. گېراسىموف چېچىنىيەلىك بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن پولكوۋنىك بۇدانوفنى قولغا ئالغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن گېراسىموف ئەينى ۋاقىتتا روسىيە ئارمىيىسىدە ئومۇملاشقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمىدىغان ئادەتكە خىلاپلىق قىلدى. ھەمدە بۇدانوفنىڭ تۈرمىدىن چىقشىغىلا چېچەن قوراللىقلىرىنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ئىلگىرى 10 يىل تۈرمە جازاسى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ دېلو زىلزىلە قوزغىدى.
گېراسىموف ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا كېڭەيگەنلىكىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى روسىيەنىڭ كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە ئۇنى چۈشەش دەپ قارىدى، ئاندىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىگە يېقىن ئافغانىستانغا، كىيىن -2003 يىلى ئىراققا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ۋە موسكۋاغا دوستانە پرېزىدېنتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاشىنگىتونغا سادىق باشقا بىر ھاكىمىيەت تىكلىگنلىكىگە شاھىت بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ لېنىنگراد ۋە موسكۋا ھەربىي رايونلىرىدا قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.
-2011يىلغا كەلگەندە گېراسىموف قوراللىق قىسىم باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ۋە شۇ يىلى موسكۋانىڭ يەنە بىر ئىتتىپاقدىشىنىڭ لىۋىيەدە يىقىلىشىغا شاھىد بولدى. دىققىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە قارشى چىققان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەربىي ۋە پۇقراۋىي قۇراللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇنى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت ئوسلۇبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلىتىشكە مەركەزلەشتۈردى.
گېراسىموف باش شتاب باشلىقى
گېراسىموف -2012يىلى ئوغلاق (نويابىر) دا سېرگېي شويگۇ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باش شتابقا قاراشلىق روس ھەربىي ئىستىخباراتى (GRU) نىڭ پائالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە موسكۋانىڭ ھەربىي ۋاستىلەر ئارقىلىق روسىيەنىڭ ھەيۋىتىنى قايتا تىكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا باشلىدى.
-2014 يىلى موسكۋاغا سادىق بولغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى يانۇكوۋىچ كىيېۋدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، روسىيە رەھبەرلىكى ئۇكرائىنادىكى ئىنقىلابنى غەربنىڭ سۇيىقەستى دەپ قارىدى. پۇتىن رۇس مىللىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن قىرىمنى كونترول قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گېراسىموف ئامرېكىچە ئۇسلۇپتا روسىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭغا قىرىمنى ئىشغال قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى پۇقراچە كىيىملەرنى كىيىپ، -2014يىلى ھۇت (-2ئاي) نىڭ ئىككى ھەپتىسىدە مۇنتىزىم توقۇنۇشقا كىرمەيلا ھاۋادىن چۈشۈش ۋە كېچىگە سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەزىپىنى ئورۇندىدى.
-2014يىلدىن باشلاپ، موسكۋانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى باشلاندى، روسىيە ئارمىيىسى -2014يىلى نەۋرۇز (مارت) دا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خەلق نامايىشىنى قوزغىتىشقا يىتەكچىلىك قىلدى، نامايىشچىلار دونېتسىك ۋە لۇگانسكتىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىگىلىدى ، خەلق ئارىسىدا روسىيەگە قېتىلىپ كىتىش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇش غەربنىڭ ئارلىشىشى بىلەن -2015يىلى ھۇت (-2ئاي) دا تۈزۈلگەن سۈلھىنىڭ تەسىرىدە توختاپ قېلىشتىن ئىلگىرى بىر يىل داۋاملاشتى. قانداقلا بولمىسۇن، روسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى (GRU) پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنى داۋاملىق مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ تۇردى.
-2015 يىلغا كەلگەندە، روسىيە ئارمىيىسى، كونتىروللىقىدا سۈرىيە زېمىنىنىڭ ئاران 10% ى قېلىپ قالغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يۆلەش مەقسىتىدە، قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى قىرىمنىڭ سېۋستاپولغا جايلاشقان دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن سۈرىيەگە قاراپ يولغا چىقتى. موسكۋا دەمەشق بىلەن لازىقىيە ھۇمەيمىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى شۇنداقلا، تارتوستىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىشىگە يول ئاچىدىغان كىلىشىم ئىمزالىدى. موسكۋا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا (1979-1989) ئىشلەتكەن، جەڭگە 110 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر توپلايدىغان، ئاسان خۇرۇتىش ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كىتىدىغان ئۇسلۇبنى تەكرارلاشتىن ساقلاندى.
سۈرىيىدە، گېراسىموف -2011يىلى لىۋىيەدە يېنىك ئىزى بار ئامېرىكا مودېلىدىن، -2014 يىلى «شام ئىسلام دۆلىتى» گە قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەندىزىسىدىن ئۈلگە ئالدى-دە، سۈرىيە ۋە ئىران قىسىملىرى، لىۋان ھىزبۇللات ۋە «ۋاگنىر» لار يەر يۈزى ھەركىتىنى ئىجرا قىلىدىغان، روس ئارمىيىسى بولسا ھاۋادىن ئۇرۇپ بىرىش، پىلان تۈزۈش، مەسلەھەت بىرىشنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق ھاۋا ۋە تاكتىكىلىق ھەرىكەت قىسىملىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئازغىنە روس قىسىملىرىغا ئاساسلاندى. بۇ ئارقىلىق سىياسىي-ئىستىراتىگىيىلىك نىشانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن غەيرى مۇنتىزىم گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەزىپىسى بىرلەشتۈرۈلدى. بۇ «گېراسىموف تەلىماتى» دىگەن نام بىلەن تۇنۇلدى.
كېيىنكى يىللاردا، ۋاشىنگىتون رۇسىيە ھەربىي ئىستىخباراتىنى، تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، -2015يىلى بۇلغارىيە قورال-ياراغ سودىگىرى ئېمىليان گېبرېۋنىڭ ۋە -2018يىلى روس سابىق ئىستىخبارات ئوفېتسىر سېرگېي سكرىپالنىڭ لوندوندا زەھەرلىنىشىدە مەسئۇلىيى بارلىقى ھەمدە ۋاگنېر كۈچلىرىنىڭ لىۋىيە ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى پائالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.
ئاخىرقى ۋەزىپە
گېراسىموفنى ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلەش-بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا بىر قىسىم قول ئاستىدىكىلەر رەھبەرلىك قىلغان مەنسەپنى ئىگىلىدى. بۇ پەقەت پۇتىننىڭ ئۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان، روسىيە ئارمىيىسى بىلەن ۋاگنېر كۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرقىنى ئازايتالايدىغان ھەمدە ئەمەلىي مەيداندا مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى توپلاش ھوقۇقى بار، بولۇپمۇ ئۇكرائىنانى ۋەتەنپەرۋەر سىستېمىسى ۋە يىلپىز تانكىسىغا ئوخشاش ئىلغار قۇراللار بىلەن تەمىنلەۋاتقان غەرىپكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن قۇمانداننى ئىستىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
گېراسىموف پولشادا باشلىغان كەسپىي ھاياتىنىڭ تارىخىي بورۇلۇش نوقتىسدا تۇرۇۋاتىدۇ، يا ئۇ ۋەزىپىسىدە غەلىبە قىلىپ، روسىيەنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ھازىرقى زامان گېنېراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، ياكى ئۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش قۇربانلىرى نامايىشىغا قاتنىشىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۇتىننىڭ ئۇنىڭ ھەجىمىدە ئورۇنباسار رەھبەر تېپىشى تەسكە توختايدۇ. قارىغاندا غەربنىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللىشى ۋە ئەنئەنىۋى قوراللار تۈرۈتكىسىدە مەيدان غەلبىسىنىڭ ئۇپۇقلىرى كۈرۈلۋاتقان ئەھۋالدا كېيىنكى تاللاش-توغرىدەك كۆرىنىدۇ.