باشبەتخەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت قايتىدىن باشلاندى

ئەنقەرە تەرىپىدىن توختىتىلغان تۈركىيە-شىۋىتسىيە-فىنلاندىيە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى بۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئورگىنىدا قايتا باشلاندى. تەرەپلەرنىڭ بايانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتتىن ئوخشىمىغان ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇراك ئاكچاپار ۋە پرېزىدېنتنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋەكىللىكىدىكى يىغىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيە، يانۋاردا ئوڭچىل سىياسەتچى تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئاننى كۆيدۈرۈپ ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن ، ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنى مۇددەتسىز توختىتىۋەتكەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button