ئامېرىكا فرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ئافرىقىدىكى روسىيە ياللانما ئەسكەر شىركىتى ۋاگنېرنى يۇقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋاگنېرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ۋە تۈرلۈك ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن تونۇلغان ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىگە قارشى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇرنىس 8-چىسلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋاگنېرنىڭ خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ باشقا شېرىكلىرى بىلەن ۋاگنېرغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋىليام بۇرنس روسىيەنىڭ ياللانما گۇرۇھقا قارشى قانداق ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى.