قىرغىزىستان ئەمگەك ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى، چەتئەل دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن سابىق پۇقرالارغا بىر يۈرۈش ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مېكېن كارتىسى» تارقىتىدىكەن.
قىرغىزىستان ئەمگەك ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىكى باياناتقا قارىغاندا، تۇغۇلغاندىن تارتىپ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولغان، ئەمما كېيىن قانۇنلۇق ھالدا باشقا دۆلەت پۇقراسى بولغان كىشىلەرگە «مېكېن كارتىسى» (ۋەتەن كارتىسى) بېرىلىدىكەن.
مېكېن كارتىسى بار كىشىلەرگە ۋىزا ئالماي قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىش، توشۇش، كىرىش-چىقىش، ئولتۇراقلىشىش، چېگرادىن كىرگەندىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە تىزىملاش ۋە باراۋەر شارائىتتا خىزمەت، ساغلاملىق ۋە مائارىپ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن.
چەتئەلدىكى سابىق پۇقرالىرى زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەھۋال ئاستىدا ، 13-مارتتىن باشلاپ دۆلەت ئىچى مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىدىن ياكى چەتئەلدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق «مېكېن كارتىسى»غا ئېرىشەلەيدۇ.
قىرغىزىستان بىلەن قوشنا دۆلەتلەردىن قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان «مېكېن كارتىسى» ئىلتىماسىدىن چىقىرىۋېتىلدى.