724
سەئۇدى ئەرەبىستان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ كەسپىي تەلەپسىز ساياھەت ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئەھمەد ئەلخاتىب ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ كەسپىي تەلەپسىز ساياھەت ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلخاتىب پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تۇرۇش كىنىشكىسى بار كىشىلەرنىڭ ساياھەت ۋىزىسى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆتكەن يىلى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بەزى سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ساياھەت ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.