ئىران روسىيە سۇخوي -35 (Su-35) ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش رەسمىيىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، رۇسىيەدىن Su-35 ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش رەسمىيىتى تاماملانغان.
ئىگىلىنىشچە ، 1988-يىلى ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ، ئىران بەزى دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئەۋەتكەن ، روسىيە بۇ تەلەپكە ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرغان.
ب د ت نىڭ 2007-يىلدىن باشلاپ ئىرانغا يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئىمبارگوسى 2020-يىلى ئۆكتەبىردە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ، رۇسىيەدىن Su-35 ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش تەرتىپىنىڭ تاماملانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا سېتىۋېلىش توختامىنىڭ قاچان تۈزۈلگەنلىكى ۋە قانچىلىك Su-35s نىڭ رۇسىيەدىن ئىرانغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن.