ئىگىلىنىشچە ، ئامېرىكىنىڭ B-52H تىپلىق ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى روسىيە چېگراسىغا يېقىن ئۇچقان.
ئامېرىكىنىڭ B-52H تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى بالتىق دېڭىزىدىن روسىيە چېگراسىغا ناھايىتى يېقىن ئۇچتى. ئايروپىلاننىڭ سانت پېتىربۇرگدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتا بايقالغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
سپۇتنىكنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئۇچۇشنى ئىز قوغلاش ئورۇنلىرىنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە تەۋە B-52H تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيەدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، روسىيە چېگراسىغا قاراپ يولغا چىققان ، ئاندىن بالتىق دېڭىزىدىكى روسىيەنىڭ گوگلاند ئارىلىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن.
ئايروپىلاننىڭ ئالدى بىلەن پولشادىن ئۇچقانلىقى ۋە روسىيە چېگراسىدىن يىراقلىشىپ ئىسپانىيەگە قاراپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلدى.
پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ئايروپىلاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مانېۋىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پولشا ئارمىيىسىگە ھەمراھ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇچۇشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.