775
ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ئارمىيىسى 11-چسلا باخمۇت ئالدىنقى سېپىدە قاتتىق تۇقۇنۇشقان بولۇپ، 24 سائەت ئىچىدە نەچچە يۈز روسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيسىنىڭ توختىماي ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە شەھەرنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدىغان كىچىك دەريانىڭ كونتروللىقىنى ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇكرائىنا ھەربىي باياناتچىسى سېرخىي چېرېۋاتىينىڭ ئېيتىشىچە ، باخمۇتتا روسىيەنىڭ 221 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولسا، دونېتسىك رايونىدا 210 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ھازىر چۆلدەرەپ قالغىلى تاس قالغان دونېتسىكنىڭ شەرقىدىكى باخمۇت شەھەر بىر يىللىق ئۇرۇشتىكى ئەڭ قانلىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن جەڭ مەيدانلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.