بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو ۋە ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئيسى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى.
لۇكاشېنكو ئىراندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا رەئيسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئىككى رەھبەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان يول خەرىتىسىنى تەييارلاشقا قوشۇلغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما باياناتتا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ھېچنەرسە يوق.
بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشېنكو مۇنداق دېدى: نىمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئىران زامانىۋى تېخنىكا ۋە يادرو ئېنېرگىيىسىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەگەر ئىككى دۆلەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ، بىر-بىرىگە نۇرغۇن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىران پرېزىدېنتى بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۋۇرىنى ماختىدى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
بېلورۇسىيە بىلەن ئىران 30 يىل ئىلگىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.