
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك ئەنگلىيەنىڭ «ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك» لىكىنى، خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان Rishi Sunak BBC گە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى AUKUS بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇناك قوراللىق قىسىمغا ئاجرىتىلغان خامچوت توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «دۇنيا تېخىمۇ تۇراقسىز جايغا ئايلاندى ، بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىد كۈچەيدى».
كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئەنگلىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتى 5 مىليارد فوندستېرلىڭ ئەتراپىدا ئاشىدۇ.
ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپادىكى مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەڭ كۆپ خامچوت ئاجرىتىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان سۇناك: «بۇ يەنىلا شۇنداق بولىدۇ» دېدى.
يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئەنگىلىيە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىنى مۇداپىئە ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان.
سۇناك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا ئوخشىمايدىغان ، دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلىدىغان دۆلەت. شۇڭلاشقا بىز ھوشيارلىقنى ساقلاپ ، ئۆزىمىزنى ، قىممەت قارىشىمىزنى ۋە مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق».
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پەيدا قىلغان بۇ «مەسىلىگە» ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سۇناك ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ» قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.