2022-يىل ئەنگىلىيە تەيۋەنگە كۆپ مىقداردا سۇ ئاستى پاراخوتى زاپچاسلىرى ۋە تېخنىكا ئېكسپور قىلنىشنى تەستىقلىغان بولغاچقا بۇ ھالەت ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن .
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ زاپچاس ۋە تېخنىكىسنى ئېكسپورت قىلىشى ئۆتكەن يىلى (201 مىليون 290 مىڭ دوللار)غا يىتىپ رېكورت ياراتقان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئىلان قىلنغاندا ، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى: «ئەگەر بۇ راست بولسا ، بۇ بىر جۇڭگو پرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ »دېگەن.
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ باياناتىغا قارشى: «بىز تەيۋەن مەسىلىسىنى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىشىلەر تەھدىد ياكى زورلۇق ئىشلەتمەي ، ئىجابىي سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنى كىرەك بولغان بىر مەسىلە دەپ قارايمىز» دىگەن
ئەنگىلىيە ئېكسپورت ئىجازىتىنىڭ تەلەپ قىلىنغان ئىستراتېگىيىلىك قۇرال تىزىملىكىگە ئاساسەن بۇ قۇراللارنىڭ «ئۇرۇش پاراخوتى ، ئالاھىدە دېڭىز ئەسلىھەلىرى ، قوشۇمچە زاپچاسلار ، ۋە باشقا يەر يۈزى پاراخوتلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن دۆلەت مۇداپىئەسى ، بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يېڭىلاپ ، خىتاي ۋە روسىيەنىڭ «يېڭى تەھدىتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش» نى پىلانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.