ئاۋسترالىيە ، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا 13-چىسلا يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ كىلشىمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ «خاتا ۋە خەتەرلىك يولى» غا قەدەم قويغانلىق دېدى . شۇنداقلا خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 14-چىسلا: ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئەڭ يېڭى بىرلەشمە باياناتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئۈچ دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى خاتا ۋە خەتەرنى كۈچەيتىدۇ» دىدى.
ۋاڭ يەنى غەربتىكى ئۈچ ئىتتىپاقداشنى قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ: بىخەتەرلىك كېلىشىمى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى روھىي ھالىتىنىڭ تىپىك مىسالى، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سېتىلىشى «ئېغىر دەرىجىدە يادرونىڭ كېڭىيىش خەۋىپىنى تەشكىل قىلىدۇ ، ھەمدە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانىغا خىلاپ» دىدى.
ئاۋىستىرالىيە ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بىلەن تۈزگەن يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىنى خەۋەر قىلغان ۋە ئاۋىستىرالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىچارد مارلېس 14-چسلادىكى تېلېۋىزىيە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ھۆكۈمەت ئالدىنقى ھەپتە تىنچ ئوكيان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 60 دىن ئارتۇق رەھبەرلەرگە تېلېفون قىلىپ ، ئۇلارغا AUKUS شەرتنامىسى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بايدىن مۇخبىرلارنىڭ بۇ تۇغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە، شى جىنپىڭ بىلەن پات يېقىندا سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ، ئەمما قاچان سۆزلىشىدىغانلىقنى ئېيتمىغان.