![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2023/03/773x435_cmsv2_479295fa-a2cf-55dc-87bb-4fabe838bfbf-7471190.webp)
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ئامېرىكىنىڭ MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ قارا دېڭىزدا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئۇچقۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ۋاقىتلىق ھالەت رايونىغا خىلاپلىق قىلىپ ، قارا دېڭىزدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا ، شويگۇنىڭ Su-27 ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى مۇكاپاتلىغانلىقى ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ روسىيە چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نېمىشقا چۈشۈرۋېتىلدى؟
ئامېرىكا ياۋروپا ئارمىيىسى قوماندانلىق ئورگىنى (EUCOM) 14-مارت روسىيەنىڭ Su-27 ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى ، MQ-9 ئايروپىلانىنىڭ خەلقئارا سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.