تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، تۈنۈگۈن كەچتىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچە ئارال ئەتراپىدا خىتاينىڭ 26 ھەربىي ئايروپىلانى ۋە 4 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا ، 26 ئايروپىلاننىڭ 15 ىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىدا ئۇچقانلىقى بايان قىلىنغان.
باياناتتا ، 4 «J-10» ، 6 «J-16» ئۇرۇش ئايروپىلانى ، «Y-8 ASW» تىپلىق دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى ، «CH-4» تىپلىق قوراللىق ، «BKZ-005» ۋە «BKZ-007» تىپلىق قورالسىز ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە «Z-9» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى «ئوتتۇرا سىزىق» دىن ئۆتۈپ، مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئۇچقانلىقى ھەمبەھىرلەندى.
ئارال ئەتراپىدا بايقالغان 26 ئايروپىلان ۋە 4 پاراخوتنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ، چارلاش ئايروپىلانى ، پاراخوت ۋە يەر يۈزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەرىپىدىن ئىز قوغلانغانلىقى خاتىرىلەنگەن.