1K 

رەسمىي تەكلىپ بىلەن روسىيەگە بېرىشنى قارار قىلغان خىتاي رەئىسى شىنىڭ ئايروپىلانى پايتەخت موسكۋاغا قوندى.
سپۇتنىكنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا كەلگەن بولۇپ، بۇ شىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەتئەل زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
شى جىنپىڭ روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم روسىيەنى زىيارەت قىلدى.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ پرېزىدېنتلىق دەۋرىدە 9-قېتىم روسىيەنى زىيارەت قىلىشى.
خىتاي رەھبىرىنىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.