855
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش ۋەزىر كىشىدا فۇمىيو كىيېۋدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.
كىشىدا ماي ئېيىدا خىروشىمادا ياپونىيە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، ياپونىيەنىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىكەن. ئۇ ئەتە پولشانى زىيارەتتە بولىدىكەن.
ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان 2022 – يىلى فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولمىغان 7 – گ گۇرۇھىغا ئەزا بىردىنبىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئىدى.
كىشىدا ئۇكرائىنانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇۋاپىق ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.