خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ۋە مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.
21-چسلا خىتاي رەھبىرى شى بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.
«يېڭى دەۋردىكى ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇكرائىنا كرىزىسىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش» ماۋزۇلۇق باياناتتا، تەرەپلەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ دىئالوگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىدىغان ۋە توقۇنۇشنى ئۇزارتىپ، كىرىزىسنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
شى بىلەن پۇتىننىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كرىزىسقا تۇتقان پوزىتسىيەسى يېپىق ھالدا تەنقىد قىلىنىپ: «تەرەپلەر ھەر قانداق دۆلەت ياكى دۆلەتلەر گۇرۇھنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان سېلىپ، ھەربىي، سىياسىي ۋە باشقا ساھەلەردە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرىشىگە قارشى تۇرىدۇ» دېيىلدى.
باياناتتا رۇسىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە بالدۇرراق قايتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئويناش ئىرادىسى ۋە بۇ جەھەتتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى مەدھىيە بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتابنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.
پۇتىن خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « (بۇ تەكلىپلەرنى) غەرب بىلەن كىيېۋ تەييار بولغاندا تىنچ ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. ئەمما ھازىرغا قەدەر بىز ئۇلارنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز» دېدى.
ئامېرىكانىڭ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا بولسا، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىشىغا قارىتا ئۈمىت بېرەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى تەرەپلەرنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولغان ئۇكرائىنا زېمىنىدىن رۇسىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغان بولسا، چوقۇم رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىن چېكىنىشى توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» دېدى.