پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىز خىتاينى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچى خەلقئارا سىياسىتىنى قوللىماسلىققا قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
پولشا باش مىنىستىرى موراۋىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو بىلەن پولشادا كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، دۇنيادا يېڭى بىر گېئوپولىتىكىلىق تەرتىپنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ ياپونىيەنىڭ، ئاسىيا، پولشا ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىدىكى ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، كىشىدانىڭ كىيېۋنى زىيارەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
موراۋىكى كىشىدانىڭ كىيېۋ زىيارىتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى قوللاشنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ جاھانگىرلىكنىڭ خەتىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
موراۋىكى ياپونىيە بىلەن پولشانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
موراۋىچكى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز خىتاينى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچى خەلقئارا سىياسىتىنى قوللىماسلىققا قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.