بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ئايرودۇرۇمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى — سانانىڭ ھەربىي مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەلەب ۋىلايىتى مەركىزىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئايرودۇرۇمىغا شۇ يەر ۋاقتى 03:55 دە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان؛ ھۇجۇمدا ئايرودۇرۇمنىڭ بەزى جايلىرى تالاپەتكە ئۇچرىغان.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 7-مارت ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەلەب ئايرودۇرۇمنىڭ خىزمەتتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ھەلەبتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراننىڭ ھىمايىسىدىكى ياللانما ئەسكەرلەر ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ئورۇنلىرى بارلىقى مەلۇم.
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھازىرغىچە مەزكۇر ھۇجۇمغا ھېچقانداق رەسمىي ئىزاھات بەرمىدى.
ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە ئۇرۇش باشلانغان 2011- يىلىدىن بۇيان پات – پاتلا ئىران ھىمايىسىدىكى ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن ھاكىمىيەت ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.