ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھىندىستاننىڭ قورال زاكازلىرىنى يەتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇداپىئە كومىتېتىغا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ، روسىيە بۇ يىل «چوڭ قورال»لارنى بىزگە يەتكۈزەلمەيدۇ.
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى قايسى قورال سىستېمىسىنىڭ تەمىنلەشتە مەسىلە بارلىقىنى بايان قىلمىغان بولسىمۇ «روسىيە يازما شەكىلدە يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى»دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، روسىيەنىڭ ھىندىستانغا داۋاملىق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان قوراللارنىڭ بىرى S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى.
ھىندىستان 2018-يىلى رۇسىيەدىن 5 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۈچ تۈركۈم S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ بۇ سېستىمىسىنىڭ يەنە بىر قىسمىنىڭ تېخىچە يەتكۈزۈلمىگەنلىكى مەلۇم.
ھىندىستاننىڭ S-400 سىستېمىسىدىن باشقا يەنە رۇسىيەدىن ھەربىي زاپچاسلارنى ئېلىشتا قىيىنچىلىقلىرى بار دەپ قارالماقتا.