گوندۇراس تەيۋەن بىلەن نەچچە ئون يىللىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولۇپ « بىر خىتاي » سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەندىن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى
گوندۇراس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تىۋىتتېردا يازغان ماقالىسىدە: «گوندۇراس ھۆكۈمىتى پەقەت بىرلا جۇڭگونىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۈگۈندىن باشلاپ ، گوندۇراس ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق رەسمىي مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە قىلماسلىققا ۋەدە بىرىمىز» دىگەن.
26-چسلا ئەتىگەن، خىتاي گوندۇراس بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنى قولغا كەلتۈرگەن غەلبە قىلپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تىۋىتتېردا: «جۇڭگو بىلەن گوندۇراس ئەمدىلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى» دېگەن.
تەيۋەن پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا: دۆلىتى بىلەن گوندۇراس ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى جۇڭگونىڭ بىر قاتار مەجبۇرلاشلىرى ۋە تەھدىتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكنى ، گوندۇراسنىڭ تەيۋەن بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور مىقداردا پۇل تەلەپ قىلغانلىقىنى ،تەيۋەننىڭ بۇنى رەت قىلشى نەتىجىسدە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنى، تەيۋەننىڭمۇ گوندۇراس بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى، باش ئەلچىخانىنى تەيۋەندىن چېكىندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.
تەيۋەن رەھبىرى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ 10 كۈنلۈك سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ، قالغان ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارىدىكەن .
1.1K
ئالدىنقى يازما