ئىگىلىنىشىچە ، ئافغانىستان، ئىسلام ئىمارىتى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان تاجىكىستان ھۆكۈمىتى يارىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىغان.
ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇلقاھھار تاجىكىستان بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.
ئابدۇلقاھھار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئىسلام ئىمارىتى ھۆكۈمىتىدىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تاجىكىستاننىڭ تاغلىق باداخشان رايونىنىڭ مەركىزى بولغان خۇرۇگ شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە خۇرۇگ شەھەردىكى ئافغانىستان كونسۇلخانىسىغا بېرىپ ئالاقىنى باشلىغان.
ئابدۇلقاھار كونسۇلخانا بىناسىنى رېمونت قىلىش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن بۇ رايوندىكى كونسۇلخانىنى ئىسلام ئىمارىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدۇ دەپ قارالماقتا.
كۈزەتكۈچىلەر بۇ تەرەققىياتنى تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدىغان گۇرۇپپىلارنى قوللاشتىن چېكىنىپ چىققانلىق دەپ ئىزاھلىدى.