ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا بىر قانچە يۆنىلىشتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ ئېستونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش قارارىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۇجۇم بىر قانچە يۆنىلىشتە پىلان قىلىنىۋاتىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق پەيتنىڭ قاچان ئىكەنلىكىگە ۋە قانداق قارار بېرىدىغانلىقىغا باغلىق» دېدى.
ئۇ ھۇجۇمنىڭ ھاۋا رايى ئەھۋالىغىمۇ باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «باھار ئايلىرىدا بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىز ناھايىتى نەم بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زەنجىر چارقلىق ۋاستىلەرنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بەلكىم ئاپرېل، ماي ئايلىرى بولۇشى مۇمكىن. كىيېۋ، چېرنىگوۋ، سۇمى، خاركىۋ، خېرسوندا قىلىنغانغا ئوخشاش، ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنلىرىمىزنى ئازاد قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.
ئۇ يەنە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باخمۇت يۆنىلىشىدە «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىنى مۇھىم دەرىجىدە توسۇپ قالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ ئارمىيەمىزگە ئالدىنقى سەپ لىنيەسىنى مۇقىم ساقلاشقا ۋە ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى» دېدى.