ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نازارەت قىلىش ۋە ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى Hikvision نىڭ بەش تارماق شىركىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش سىياسىتى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ قارارىنى خىتاي رەت قىلدى ۋە ئۆزىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان «يالغان» باھانە دەپ تەسۋىرلىدى.
Hikvision شىركىتى بۇ قارارغا نىسبەتەن ھازىرغىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ يازما باياناتىدا، لوپۇ خەيشى دىڭشىن ئېلېكترونلۇق تېخنىكا شىركىتى ، مويۈ خەيشى ئېلېكترون شىركىتى، پىشەن خەيشى ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى ، ئۇرۇمچى خەيشى شيەن ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى ۋە يۇتىئېن خەيشى مېيتيېن ئېلېكترونلۇق تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
باياناتتا ، تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قارىتىلغان زۇلۇم ، كەڭ كۆلەملىك قاماق جازاسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ» دېيىلدى.