خىتاي تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئېغىر قۇتۇپلىشىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋاكالەتچىسى شۇ شۇيۈەن سەي يىڭۋېىن نيۇيوركقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەي يىڭۋېننىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكاغا «ئۆتكۈنچى زىيارەتلەر»نى قىلىشنى ئۈلگە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ نازارىلىقىنى بېسىقتۇرمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتىنىڭ مەركىزى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە ئۆتۈشكە بولمايدىغان «قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شۇ شۇيۈەن: «مەن شۇنى قايتا – قايتا تەكىتلەيمەنكى، مەيلى تەيۋەن رەھبەرلىرى ئامېرىكاغا كەلسۇن ياكى ئامېرىكا رەھبەرلىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلسۇن، بۇ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ناھايىتى ئېغىر قارشىلىشىش نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.
ئۇ ۋاشىنگىتوننىڭ تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ بۇرۇنمۇ ئامېرىكانى زىيارەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، خىتاينىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ھاجىتىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدىكى باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلار ئۈلگە بولالمايدۇ، بىزنىڭ نازارىلىقىمىزنى پەسەيتمەيدۇ» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئارالغا تېخىمۇ كۆپ قورال سېتىش ئارقىلىق مەسىلىنى تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي دىپلومات: «بۇ تەھدىت ئەمەس؛ خىتاي ھۆكۈمىتى <بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» دېدى.
تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى گىۋاتېمالا ۋە بېلىزنى زىيارەت قىلىدىغان، بۇ زىيارەتنىڭ ئالدى – كەينىدە ئامېرىكانىڭ نيۇيورك ۋە لوس ئانژېلېس شەھەرلىرىدە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان 10 كۈنلۈك چەت ئەل سەپىرىنى تۈنۈگۈن باشلىغانىدى.
خىتاي ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تەيۋەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949 – يىلىدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىقتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن پەيدا بولغان ۋەزىيەت يەنىلا داۋاملاشماقتا.